مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىددىي ئەھۋالدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوت مۇداپىئە تارماقلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
«ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئەگەر ئۆيدە قاپسىلىپ قالسا، تازىلىق ئۆيى ئەڭ ياخشى «ياردەم كۈتۈش» ئورنى بولامدۇ؟ «توكلۇق ۋېلسىپىت ئاھالىلەر بىناسىغا خالىغانچە كىرسە بولامدۇ؟» 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قوروسىدا ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتچىلىرى ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ، يازلىق تەتىللىك ئوت مۇداپىئە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قىسقا فىلىملىرىنى ئىشلىدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارغا تارقىتىپ بەردى.
يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىكنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى باشلىدى. سىن ئارقىلىق، ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتچىلىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش، ئائىلىلەردىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، ئوت كەتكەن جايدىن قېچىپ قۇتۇلۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىخەتەرلىك بىلىملىرى ۋە يازلىق تەتىللىك ئائىلە بىخەتەرلىكى ئەسكەرتمىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرسەتتى. «بۇ مەزمۇنلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە» دېدى قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خې جياچىن. ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتچىلىرى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەقىقىي دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى، زىيىنى ۋە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ھەمدە ئوت ئۆچۈرگۈچنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئوت كەتكەن جايدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپى قۇردى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ئاخبارات، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چېن چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئۇلار بىر قاتار يېڭى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى، قىسقا سىن، ھەمتۈرتكە بىخەتەرلىك دەرسخانىسى ۋە ئەمەلىي ۋاقىتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىقلاردا بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىندى.
كىچىك دوستلار ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى كۇچا شەھەرلىك چوڭ ئەترىتىدە ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، ھېس قىلدى.
ليۇ شۆمېي فوتوسى
7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى كۇچا شەھەرلىك چوڭ ئەترىتى نۇرغۇن «كىچىك ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر»نى كۈتۈۋالدى، ئۇلار ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇق-سايمانلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنا ئادىمىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرىنى كۆردى ھەم سۇ مىلتىقىدا سۇ چىقىرىش قاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ھېس قىلدى. كۇچا شەھەرلىك ۋاۋاگۇ يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ زىشى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئويناش جەريانىدا، ئوت ئۆچۈرگۈچى تاغا بىزگە ئوت ئويناشنىڭ زىيىنىنى ئېيتىپ بەردى، بىزگە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش، ساقچىغا قانداق توغرا مەلۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگەتتى، مەن ھەممىنى ئۆگىنىۋالدىم».
ئوقۇغۇچىلار ئوت بىخەتەرلىكى تەربىيەسىدىن باشقا يەنە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ياتىقىدا ئىچكى ئىشلارنى رەتلەشنى ئۆگەندى، يوتقان يىغىش ماھارىتىنى ھېس قىلدى ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تۈرلۈك مۇسابىقە تۈرلىرىنى ھېس قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى كۇچا شەھەرلىك چوڭ ئەترىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى جاڭ چىڭزى مۇنداق دېدى: «يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، بىز چوڭ ئەترەتنى ۋاقىتقا بۆلۈپ ئېچىۋېتىپ، يازلىق لاگېر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى ھېس قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق».
شىخەنزە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتچىسى تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئېلېكتىرلىك ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تونۇشتۇردى.
شۈ جياچى فوتوسى
يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى چاقىلىق ناھىيەلىك چوڭ ئەترىتى شۇ جايدىكى مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يازلىق تەتىللىك «بىخەتەرلىك دەرسخانىسى»نى قانات يايدۇردى ھەمدە ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە بەلگىلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى چاقىلىق ناھىيەلىك چوڭ ئەترىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى چەي ۋەنجۈن مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن ناھىيە دائىرىسىدە ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك دەرسخانىسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «بىر بالىنى تەربىيەلەش، بىر ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىش، پۈتكۈل جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش» ئۈنۈمىگە يېتىشكە تىرىشىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماقلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىلنى بىخەتەر، ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش مەقسىتىدە، يازلىق تەتىلدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى (پونكىتى)نى ئېچىۋېتىش، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسخانىسىنى سۇ ئۈزۈش سارىيىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.