تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | كۈنەسنىڭ بۇ يېرىدە نېلۇپەر گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

   7-ئاينىڭ 10-كۈنى، 4-شى 71-تۇەن 8-ليەنىنىڭ تۆت مو يېرىدىكى كۆلچەكتە سۈنئىي ئۆستۈرلگەن نىلۇپەر گۈللىرى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. يىراققا نەزەر سالساق، كۆلچەككە لىق تولغان نېلۇپەر گۈللىرى بىر-بىرى بىلەن گۈزەللىك تالىشاتتى، تۇتاش كەتكەن نېلۇپەر گۈللىرى ئېگىز-پەس گىرەلىشىپ، گۈل بەرگىلىرى راسا پورەكلەپ ئېچىلىپ، تولىمۇ كۆركەم تۈسكە كىرگەنىدى. مەيىن شامالدا، توپ-توپ نېلۇپەر گۈللىرى ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. قاتمۇقات نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى ئارىسىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان نىلۇپەر گۈللىرى، قىزىل، يېشىل رەڭدە جۇلالىنىپ بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشاتتى. كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكى سۇ مەنزىرىسى، نىلۇپەر كۆلچىكىدىكى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان نېلۇپەرلەر يازدىكى بىر پارچە گۈزەل يۆگىمە مەنزىرىسىنى سىزىپ چىققانىدى. ساياھەتچىلەر گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، خۇش پۇراقلارنى پۇراپ، گۈللەرنى تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، مەھەللىلەر شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس تېرىقچىلىق ۋە ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، «تاماشا قىلىش، ئۈزۈش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» باش تېما قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك سەيلە-ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى-ساياھەت يۇغۇرما ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېنېرگىيە، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈچۈن كۈچ توپلاپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈنەسنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ماركىسىنى ياراتتى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، 4-شى 71-تۇەن 8-ليەنىدىكى نېلۇپەر كۆلچىكىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان مەنزىرىسى. 

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈللىرى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدىكى نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدىكى تېخى ئېچىلمىغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، 4-شى 71-تۇەن 8-ليەنىدىكى نېلۇپەر كۆلچىكىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان مەنزىرىسى. 

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، نېلۇپەر كۆلچىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر نېلۇپەر گۈلى دېڭىزىدا سەيلە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر نېلۇپەر گۈلى دېڭىزىدا سەيلە قىلماقتا.

(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.