تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«يازلىق تەتىل ئەندىزىسى» باشلاندى رەڭدار پائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياز كۈنلىرىنى بېيىتتى

    كەمپۈت ئادەم ياساش، قەغەز قىيىشنى ئۆگىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش؛ پەن-تېخنىكا سارىيىغا كىرىپ ئىزدىنىش سەپىرىنى باشلاش؛ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش ... بۇ يازلىق تەتىلدە، ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇردى. 

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، بالىلار ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ خېمىر ئادەم ياساشنى ئۆگەندى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى 

    7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ كوچا باشقارمىسى سۇ ئۈستى باغچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بالىلارغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلدۇردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا بالىلار ئۆزلىرى قول سېلىپ كەمپۈت ئادەم ياساپ، قەغەز قىيما قىيىپ، خېمىر ئادەم ياساپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. 

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، بالىلار ئۆزلىرى ياسىغان كەمپۈت ئادەمنى كۆرسەتمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى 

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، بالىلار ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ كەمپۈت ئادەم ياساشنى ئۆگەنمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى 

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، بالىلار ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ كەمپۈت ئادەم ياساشنى ئۆگەنمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى 

    7-ئاينىڭ 10-كۈنى، دەل يازلىق تەتىل مەزگىلى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى خۇانەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەۋەلىكتىكى بالىلارنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيىغا كەلدى. بۇ يەردە كىچىك دوستلار ئىنتايىن قىزىقارلىق، كۆپلەپ زېھىننى ئاچىدىغان بىر مەيدان پەن-تېخنىكا ئىزدىنىش سەپىرىنى باشلىدى. 

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى خۇانەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەۋەلىكتىكى بالىلارنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ بالىلار كۆرگەزمە زالىغا كەلدى، بالىلار دىنازاۋۇر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، دىنازاۋۇرغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى 

​7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى خۇانەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى بالىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش\ ئاساسىي پەنلەر كۆرگەزمە زالى، قىيسىق ئۆيدە تەقلىدىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى 

    پەن-تېخنىكا سارىيىغا كىرگەندە، مول، كۆپ خىل پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بالىلارنى جەلپ قىلىۋالدى. سىرلىق فىزىكا تەجرىبىسى، ئالدىنقى قاتاردىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كۆرگەزمىسى، سىرلىق ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمدە ئاجايىپ ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. 

    پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلەش ۋە تەجرىبە ئىشلەپ كۆرسىتىشكە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى. جانلىق، قىزىقارلىق چۈشەندۈرۈش ۋە بىۋاسىتە تەجرىبە ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىلمىي قائىدىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، كىچىك كۇرسانتلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىدا خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى 

    مەھەللىنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتىنى كۈچەيتىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئەرداۋچياۋ مەھەللىسى جۇڭگو سەنئىتى دەرسخانىسىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئۆسمۈرلەر خەتتاتلىق كۇرسىدا دەرس باشلاندى. دەرس باشلانغان تۇنجى كۈنى ئەرداۋچياۋ مەھەللىسى «بالىلىقنى كىتاب بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، قەلەم ـ سىياھنى ھەمراھ قىلىپ ئۆسۈپ يېتىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىدىكى خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى كۇرسىدىكى 30 نەچچە كىچىك كۇرسانتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىغا بېرىپ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. كۆرگەزمە كۆرۈش نەق مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جوۋ يۈ مۇئەللىم خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى بالىلارغا چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تونۇشتۇردى ھەم بالىلارغا خەتتاتلىق قەلىمىنى تۇتۇش قىياپىتى ۋە خەت يېزىش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. 

 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، كىچىك كۇرسانتلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىدا خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆگەنمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى 

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىدا كىچىك كۇرسانتلارغا خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تونۇشتۇردى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.