تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

رەڭدار بالىلىق، كۆڭۈللۈك يازلىق تەتىل

    يازلىق تەتىلدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بالىلار ساياھەت قىلىش، كۇتۇپخانىلارغا بېرىپ ئۆزى ياقتۇرغان كىتابلارنى ئوقۇش-سېتىۋېلىش، مۇزېيلارغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، ھەرخىل لاگىر-كۇرسلارغا قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق، يازلىق تەتىل كۈنلىرىنى رەڭدار، مەنىلىك ئۆتكۈزدى. ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى خاس ئويناش ئۇسۇللىرىنى يولغا قويۇپ، بالىلارنى تەتىللىك دەم ئېلىش كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. نۇرغۇن ئاتا-ئانا بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ ساياھەت قىلىپ، بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنمېن شىنخۇا كىتابخانىسىدا، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا كىتاب ئوقۇماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى 

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مودېلى كىچىك دوستلارنى جەلپ قىلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى 

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، كىچىك دوستلار ۋە ئاتا-ئانىلار شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا نېۋرون مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى 

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى بالىلار جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقتا.

مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى

بالىلار 7-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدا تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتىگە قاتناشماقتا.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، «قىزىل ئانار» شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يازلىق لاگېرى بېيجىڭدا باشلاندى، بالىلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

جاڭ لىمىن فوتوسى 

   2019-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئۇدا ئالتە نۆۋەت «قىزىل ئانار» شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يازلىق لاگېرى ئۆتكۈزدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەنتتە تۇرۇشلۇق نۇقتىدىكى جەمئىي 219 مۇنەۋۋەر ياش-ئۆسمۈرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، ۋۇخەن، نەنچاڭ، جىڭگاڭشەن، شاۋشەن، چاڭشا قاتارلىق جايلارغا ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى خۇانەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەۋەلىكتىكى بالىلارنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ بالىلار كۆرگەزمە زالىغا كەلدى، بالىلار دىنازاۋۇر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، دىنازاۋۇرغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى 

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، كىچىك دوستلار يازلىق تەتىللىك قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جىلدىرلىما ئويۇنى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىسى كۇچى كەنتىدىكى بالىلار بالىلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئوينىماقتا (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). بالىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ كۇچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياسىدى. 

جاڭ يۈن فوتوسى

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئاقسۇ شەھىرى جىنشيۇ باغچىسى مەيدانىدا فىگۇرا چىقىرىپ چاقلىق كانكى تېيىلىشنى ئۆگىنىپ، تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلىپ، مول، رەڭدار يازلىق تەتىل تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولدى. 

يەن شوۋلىن فوتوسى

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، بورتالا شەھىرى شەھەر ئاھالىلىرى تەنتەربىيە مەيدانىدا، كىچىك پۇتبولچىلار مۇسابىقىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشمەكتە. شۇ كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «سەنشيې لوڭقىسى» U11/U13 ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 13 ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىر مەيدان ئۆزگىچە بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەنشەن ئوۋتلېتس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن 80دىن ئارتۇق كىچىك ماھىر كەسپىي قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى كىيىپ، مۇسابىقە يولىدا پۇخادىن چىققۇچە ئوينىدى.

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

تىيانشان تورى، ئانار بۇلۇتتىن ئومۇلاشتۇرۇلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.