تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئۈچئۆستەڭ يېزىسى: ئارزۇ تولدۇرۇشقا كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشتى

     كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   2024-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، ئارزۇ تولدۇرۇش ماھارىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ھەربىر ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان داشۆ ۋە كەسىپ تېپىپ، قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى سۆگەتلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مائارىپ ساھەسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋەتكەن ئورۇن − ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەۋەلىك رايونىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى.

    مۇلازىمەت پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكەت ھالىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى، ئارزۇ تولدۇرۇش قائىدىسى ۋە قوبۇل قىلىش يۈزلىنىشى چوڭقۇر ئانالىز قىلىندى. سىياسەت چۈشەندۈرۈش، ئارزۇ تولدۇرۇش لېكسىيەسى ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار نوپۇزلۇق، دەل ۋاقتىدا بولغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشىگە، ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىلدى. بىرگە بىر مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، قىزىقىشى، كەسىپ پىلانى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئارزۇ تولدۇرۇش لايىھەسىنى ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈشىگە ياردەم بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى كۆپ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ھەربىر ئىمتىھان بەرگۈچىگە خاسلاشقان كەسىپ تاللاش تەكلىپى بېرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقى، خاراكتېرى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، كەسىپ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ماس كېلىدىغان كەسىپ يۆنىلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ، شەخسىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ماسلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى كەسىپ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

    ئارزۇ تولدۇرۇش جەريانىدا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارمۇ بىرقەدەر چوڭ پىسخىك بېسىم ۋە كەيپىيات داۋالغۇشىغا دۇچ كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى سۆگەتلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە ھېسسىيات ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بەردى. پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ھېسسىيات جەھەتتىن قوللاش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىشى، روھىي ھالىتىنى تەڭشىشى، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە كەلگۈسىدىكى كىشىلىك ھايات يولىغا تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىشىگە ياردەم بەردى.
    بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى پائالىيىتىدە، سۆگەتلىك كەنتىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 11 ئوقۇغۇچى يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە پەيزاۋات كەنتى، قۇمتۇر كەنتى، ئارا ئۆستەڭ كەنتى، قاراسۇ كەنتى قاتارلىق ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرمۇ قاتناشتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن 63 ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشنى تاماملىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ماھارىتى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىق تونۇش ۋە پىلانغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.