تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيقۇدىكى ھەربىر تال ئەنجۈرنى شاپىلاقلاپ ئويغىتىدۇ

7-ئاينىڭ 9-كۈنى

بىر تورداش ئېلان قىلغان

«شىنجاڭ ئۇيقۇدىكى ھەربىر تال ئەنجۈرنى شاپىلاقلاپ ئويغىتىدۇ» دېگەن سىندا

مېۋە دۇكىنىنىڭ ئىگىسى ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى تەخسە قىلىپ

يېڭى ئەنجۈرنى يوپۇرماق ئۈستىگە قويۇپ

يوپۇرماقنى قاتلاپ ئەنجۈرنى يېپىۋېلىپ

يېنىككىنە شاپىلاقلىۋەتكەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە خالتىغا سالدى

ناھايىتى تېزلا

تورداشلار ئەگىشىپ

«تېخى بايىلا بىرنى شاپىلاقلاپ ئويغاتقانىدىم» دېيىشتى

لېكىن نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزىققىنى يەنىلا

«نېمىشقا شاپىلاقلايدۇ» دېگەن سوئال بولدى

يېيىشنى بىلىدىغانلار

تالىشىپ جاۋاب بەردى

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا بۇنىڭ سەۋەبى

قەنت تەركىبىنىڭ تېخىمۇ تەكشى بولۇشى ئۈچۈن

7-ئاي

دەل شىنجاڭ ئەنجۈرلىرى كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل

 چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ماڭسىڭىز

ھارۋا ئىتتىرىپ توۋلاپ سېتىۋاتقان يايمىچىلارنى ئۇچرىتىسىز

كىچىك تاغدەك قىلىپ قاتمۇقات دۆۋلەپ تىزىلغان بۇ مېۋە

دەرەختىكى «شېكەر مانتىسى» دەپ نام ئالغان ئەنجۈردۇر

مەنبە: ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

شىنجاڭدا

ئەنجۈر ئۆستۈرۈش رايونى

 ئاتۇش، قەشقەر، يوپۇغا،

خوتەن، كورلا، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان

بۇنىڭ ئىچىدە، «ئەنجۈر ماكانى» ئاتۇش ئەڭ داڭلىق،

بۇ يەردىن چىقىدىغان ئەنجۈر

ئېتى يۇمشاق، تەمى ھەسەلدەك تاتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە

مەنبە: ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئاتۇش ئەنجۈرى

كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك

شىرنىلىك، تەملىك بولغاچقا كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ

ئۇنىڭ «مېۋە خانىشى» دەيدىغان چىرايلىق نامى بار

شۇ جايدىكى ئاھالىلەر

ئۇنى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشتىكى مۇھىم مېۋە دەپ قارايدۇ

ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ بازىرى ئازغان كەنتى ئۆز كەنتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەنجۈر ئۆرپ-ئادەت كوچىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى (ماتېرىيال سۈرەت).

شيې جى فوتوسى

ئىلگىرى

ئەنجۈر شىنجاڭدا «ئاز ئۇچرايدىغان مېۋە جەمەتى»گە تەۋە ئىدى

قەنت مىقدارى يۇقىرى، مېۋىسى ناھايىتى يۇمران بولغاچقا

ئۇنى ساقلاش ۋە توشۇش قىيىن ئىدى

شۇڭا شىنجاڭغا كەلمىسىلا يېڭى ئەنجۈرگە ئېغىز تىگىش بەك قىيىن ئىدى

بۈگۈنكى كۈندە

ئازوت گازى بىلەن يېڭى پېتى ساقلاش + سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇشنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن

ئەنجۈر بېيجىڭ، شاڭخەي، چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلەردىكى

ئىستېمالچىلارنىڭ «ئارزۇلاپ يەيدىغان يېڭى مېۋىسى»گە ئايلاندى

ئوراپ قاچىلانغان ئەنجۈر (ماتېرىيال سۈرەت).

مەنبە: ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

يازدا ئەنجۈر يېگەندە

دەل «يېڭى» بولۇشنى قوغلىشىمىز

ئۇنى يېنىك شاپىلاقلىساق

خۇش پۇرىقى دىمىقىمىزغا ئۇرۇلىدۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول

بىر چىشلىسىڭىز، شۇ ھامان ئاغزىڭىز ئەنجۈر شىرنىسىگە تولىدۇ

ھەر قېتىم چاينىغاندىكى تۇيغۇ خۇددى تۇنجى مۇھەببەتتەك شېرىن

ئەنجۈر (ماتېرىيال سۈرەت).

مەنبە: قەشقەر رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىستانىسى

ئەنجۈر پىششىقلانغاندىن كېيىن يەنە

ئەنجۈر قېقى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ئەنجۈر يالپاقچىسىغا ئايلىنىپ

 نان، قېتىق زۇڭزا، مېۋە-چېۋىلەرگە قوشۇلۇپ

 تاتلىق تەمى بىزگە تېخىمۇ لەززەت بېغىشلايدۇ

قېتىق زۇڭزا (ماتېرىيال سۈرەت).

سالاھىدىن مەمەتئۆمەر فوتوسى

مانا بۇ شىنجاڭ ئەنجۈرىنىڭ

ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان جەلپكارلىقى

 يۇيۇپ، ئوراپ، يېنىككىنە شاپىلاقلىسىڭىزلا

«شېكەر مانتىسى» تەييار بولىدۇ!

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.