تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

«يازنىڭ ئۈچ ئىشى» داۋاملاشماقتا | ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى

    7-ئاينىڭ 4-كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن يېزىسى بالاقىز كەنتىدىكى كۈزگى بۇغدايلىقتا، چوڭ تىپتىكى كومبايىن، ئاشلىق توشۇش ئاپتوموبىلى موكىدەك ئۆتۈشۈپ، ئورۇش، دان ئايرىشنى بىراقلا تاماملىدى. ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 2 مىليون 630 مىڭ مو كۈزگى بۇغداينى ئورۇش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، تاماملاش نىسبىتى %91كە يەتتى، كۇچا شەھىرى، شايار ناھىيەسى قاتارلىق بەش ناھىيە، شەھەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشلىق يىغىۋېلىش تاماملاندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ خۇڭۋېن، ئابدۇئەزىز تۇرسۇن)

    بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2800دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى كومبايىننى ئىشقا سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنى جىددىي يىغىۋېلىشقا يېتەكلەشكە پائال تەشكىللەپ، يازلىق يىغىمنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    ھوسۇلنى ئۆلچەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ مۇقىملاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.