تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[سان ئارقىلىق تەرەققىياتنى سۆزلەش] ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭدا نۇقتىلىق تۈرلەرگە جەمئىي 96 مىليارد 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

    بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈرلەرنى پىلانلاپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تۈر مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تىرەكلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىنجاڭدا نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 96 مىليارد 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 67 مىليارد 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرگە 27 مىليارد 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، زاپاس تۈرلەرگە 1 مىليارد 730 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

مەزمۇننى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.