تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىر جەدۋەل» ئارقىسىدىكى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئازادە، يورۇق مۇلازىمەت زالىدا، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يىڭبىن كوچا باشقارمىسى ياديەننا مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر يۈەن جىڭ ئىش بېجىرىشكە كەلگەن بىر ئاممىنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى. كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈۋېدى، كومپيۇتېر ئېكرانىدا بىر قاتار ئۇچۇرلار ئېنىق كۆرۈندى. دەسلەپكى ئۇچۇرغا سېلىشتۇرۇپ، يېڭىلانغان مەزمۇننى كىرگۈزۈپ، بېجىرىدىغان ئىشنى دەرھال تاماملىدى.

«بۇ بىزنىڭ <بىر جەدۋەل> ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىمىز، ناھايىتى قولايلىق» دېدى يۈەن جىڭ.

ياديەننا مەھەللىسىدە 8000دىن ئارتۇق ئاھالە بار بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 20دىن ئارتۇق ئاھالە ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش، چوڭ ياشلىقلار ياردەم تولۇقلىمىسى، ئەمگەك كاپالىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىدۇ. «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى سۇپىلار ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش، ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كۆپ سۇپا ئارقىلىق بىر - بىرلەپ ئۇچۇر كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ «پۇت - قول»ى تولۇق ئازاد قىلىندى، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملار تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە سەرپ قىلالايدىغان بولدى.

«بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇش، «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يولغا قويۇش قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسلاھات ئىجادىيىتى.

2020 - يىلى، قاراماي شەھىرى مەملىكەت بويىچە 1 - تۈركۈمدە شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلدى. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ قاراماي شەھىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى تۆت رايون، 15 كوچا باشقارمىسى (يېزا - بازار)، 112 مەھەللە (كەنت)گە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، ئاساسىي قاتلام سانلىق مەلۇماتلىرىنى «ھەمبەھرىلىنىش قىيىن بولۇش» «تەكرار كىرگۈزۈش» «كۆپ ئورۇنغا يوللاش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشى قىلدى.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى رەتلەش ئارقىلىق، قاراماي شەھىرىدىكى مەھەللە(كەنت)لەر ئەمەلىي قوللىنىدىغان ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ جەمئىي 15 يۈرۈش ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكى ئۈچ يۈرۈش، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكى سەككىز يۈرۈش، شەھەر دەرىجىلىكى تۆت يۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكى 11 يۈرۈش بولۇپ، تەكرار سۆز بۆلىكى 1400دىن ئاشىدىغانلىقى، سانلىق مەلۇماتنىڭ تەكرارلىنىش نىسبىتىنىڭ %70 ئۆپچۆرىسىدە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.» قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى بەي جيې مۇنداق دېدى: بۇ 15 يۈرۈش سىستېمىدا ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق، تېرمىنال ئېغىزى بىردەك بولماسلىق، قائىدىسى بىردەك بولماسلىق، سانلىق مەلۇماتنى ھەمبەھرىلىمەسلىك، ئالماشتۇرۇش قىيىن بولۇش، يىغىنچاقلىماسلىقتەك «سانلىق مەلۇمات تۇرخۇنى» «ئۇچۇر يېگانە ئارىلى» ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسىي قاتلام مەلۇمات جەدۋەللىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى كۆپ بولۇش، قېتىم سانى يۇقىرى بولۇش، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچى خادىملار كۆپ جەدۋەل تولدۇرۇش، كۆپ زېھنىي كۈچى ئىگىلىۋېلىنىش، جەمئىيەت مۇلازىمىتى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە.

رەقەملىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراماي شەھىرى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسىنى تېپىپ چىقتى: شەھەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر توپلاش سىستېمىسى (سانلىق مەلۇمات توپلاش تېرمىنالى)، سانلىق مەلۇماتنى ئاپتوماتىك بۆلۈپ تارقىتىش سىستېمىسى، سانلىق مەلۇمات بايلىقى كۆلچىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە مەلۇمات جەدۋىلىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى (ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات كۆرۈنمە تېرمىنالى)نى ئېچىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتنى ئاپتوماتىك ئىستاتىستىكا قىلىش، مەلۇمات جەدۋىلىنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىش، مەركىزىي سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئاپتوماتىك بۆلۈپ تارقىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بىر تەرەپ توپلاش، كۆپ تەرەپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ سىستېمىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى دېگەن قىسقارتىلما نام بىلەن ئاتالدى.

بەي جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: «ھەمبەھرىلىنىش قىيىن بولۇش»قا قارىتا، سانلىق مەلۇمات بايلىقى كۆلچىكى قۇرۇپ، گۇڭئەن، خەلق ئىشلىرى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق 26 تارماقنىڭ 140 مىليون پارچە سانلىق مەلۇماتىنى يۈرۈشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات «دېڭىز - ئوكيان»ىنى شەكىللەندۈرۈپ، تارماقلار ئارىسىدىكى سانلىق مەلۇمات توسۇقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ «تەكرار كىرگۈزۈش»كە قارىتا، نوپۇس ئاساسىي ئۇچۇرى، مەھەللە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، ياشانغانلار ئىشلىرى قاتارلىق ئىقتىدار بۆلەكلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدا نەق يىغىپ، نەق مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك سانلىق مەلۇماتلارنى 461دىن 108گە، ئۇچۇر كىرگۈزۈش سىستېمىسىنى بىرگە قىسقارتتۇق؛ «كۆپ ئورۇنغا يوللاش»قا قارىتا، سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك بۆلۈپ تارقىتىدىغان ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، بىر قېتىم كىرگۈزۈش، كۆپ تەرەپ ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ «مەلۇمات جەدۋىلى مۇرەككەپ بولۇش»قا قارىتا، مەلۇمات جەدۋىلى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئېچىپ ۋە قۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئىشلىتىپ، دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ شەھەر رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا سىستېما باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنى «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن ئېھتىياجلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك ئېلىشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۈكىنى يېنىكلەتتۇق.

2020 - يىلى 11 - ئايدا، قاراماي شەھىرىنىڭ «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، «كادىرلار جەدۋەلنى چۆرىدەپ ئايلىنىش» مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مەلۇمات جەدۋىلىدىن قۇتۇلۇپ ئامما ئارىسىغا چۆكۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

«ئىلگىرى جەدۋەل كۆپ يوللىنىدىغان بولغاچقا، مەھەللە ئاھالىلىرى مەھەللە كادىرلىرىنى <جەدۋەل يوللىغۇچى كادىرلار>» دەپ ئاتايتتى. قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى نەنيۈەن مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شى بوچۈن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللىنىڭ جەدۋەل يوللاش خىزمەت مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايدى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىش، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ھەل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان بولدى. جەدۋەل تولدۇرغاندىمۇ كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىلا بولىدۇ، يەنى نوپۇس، ئائىلە ئەزالىرى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۇچۇرى قاتارلىق باشقا 12 چوڭ تۈردىكى ئاساسىي ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوماتىك تولدۇرغىلى بولىدىغان بولدى.

قاراماي شەھىرىنىڭ «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە ئاقىل شەھەر، ئاقىل مەھەللە قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى پايدىلىنىش ئۆرنىكى بىلەن تەمىنلىدى. 2023 - يىلى ئاپتونوم رايون خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىدىكى سىناق نۇقتا قىلىنغان رايون، ناھىيەلەردىمۇ «بىر جەدۋەل» ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.