تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۇ خىل تۇخۇم مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، زېھنىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، خولېستېرىن مىقدارى تۆۋەن (توخۇ تۇخۇمى ئەمەس)

بۆدۈنە تۇخۇمىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك ھەم ئەپچىل تۇخۇمنىڭ ھەجىمى چوڭ بولمىسىمۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى مول. بىراق، كىچىك بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بىر يېسىلا توختىماي كۆپ يەۋالىدۇ، ئۇنداقتا، بۆدۈنە تۇخۇمىدىن بىر كۈندە قانچىنى يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟ قانداق ئۇسۇلدا يىگەندە تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولىدۇ؟ قانداق تاللاش كېرەك؟

بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ ئەۋزەللىكى

1. ئاقسىل تولۇقلايدۇ

ھەر 100 گرام بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 12.8 گرام ئاقسىل بولىدۇ.

بۆدۈنە تۇخۇمى فۇش تۇخۇمىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى توخۇ تۇخۇمى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئاقسىل مىقدارىمۇ كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ھەممىسى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ بىر قەدەر ياخشى كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

2. توخۇ تۇخۇمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ خولېستېرىن مىقدارى نىسبەتەن تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ

ھەر 100 گرام بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ خولېستېرىن مىقدارى 515 مىللىگرام، ھەر 100 گرام توخۇ تۇخۇمىنىڭ خولېستېرىن مىقدارى 648 مىللىگرام بولۇپ، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ خولېستېرىن مىقدارى توخۇ تۇخۇمىدىن تەخمىنەن %20 تۆۋەن بولىدۇ.

3. تەركىبىدە لېتسىتىن قاتارلىق سالامەتلىككە پايدىلىق تەركىبلەر بار

بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدە لېتسىتىن، كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىق سالامەتلىككە پايدىلىق تەركىبلەر بار.

بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ سېرىقىدىكى لېتسىتىننىڭ مىقدارى توخۇ تۇخۇمىنىڭكىدىن تەخمىنەن %30 ئەتراپىدا يۇقىرى بولۇپ، دائىم لېتسىتىن قوبۇل قىلىنسا، قان ۋە چوڭ مېڭىدىكى خولىننىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، زېھنىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

لېتسىتىن يەنە ياغنىڭ قان تومۇرلاردا تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىدۇ ھەمدە قان تومۇر دىۋارىغا يېپىشىۋالغان ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنى ئېمۇلسىيىلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ قالغان خولېستېرىننى تازىلاپ، ئارتېرىيە قېتىش داغلىرىنى ئەكسىگە قايتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئىنچىكە ئۈچەينىڭ خولېستېرىن سۈمۈرۈشىنى توسۇشقا ياردەم بېرىپ، قان پلازمىسىدىكى خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىپ، قاندىكى ماينى تەڭشەپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

شۇڭا، دائىم زېھىن خورىتىدىغان ئەقلىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەمدە بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى بىر نەچچە تال بۆدۈنە تۇخۇمى يېسە بولىدۇ.

4. ئوزۇقلۇق مىقدارى تولۇق

بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدە B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار مول. ھەر 100 گرام بۆدۈنە تۇخۇمىدىكى سېلېننىڭ مىقدارى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى توخۇ تۇخۇمىنىڭكىنىڭ 1.8 ھەسسىسىگە، تۆمۈر ئېلېمېنتى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى توخۇ تۇخۇمىنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، ۋىتامىن E مىقدارى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى توخۇ تۇخۇمىنىڭكىنىڭ 2.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، لېتسىتىن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، سىنك مىقدارىمۇ توخۇ تۇخۇمىنىڭكىدىن سەل يۇقىرى بولىدۇ.

ئەمما توخۇ تۇخۇمى يەنىلا ئەرزان، قولايلىق تۇخۇم مەنبەسىدۇر، شۇڭا كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ.

«CCTV تۇرمۇش چەمبىرىكى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.