شىنجاڭنىڭ ياز كۈنلىرى قىزغىنلىققا ھەم خاتىرجەملىككە تولغان، كۈندۈزى قۇياش نۇرى ئەڭ قىزغىن نۇرىنى كەڭ جاھانغا چاچسا، كېچىسى ئاي نۇرى ئەڭ يېقىملىق مەيىن شامىلىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مەيدانلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە كىشىلەرنىڭ خۇشال ياكى غەمسىز سىيماسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ؛ پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۈتۈش زالىدا، ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەر ئۆيىگە قايتىش يولىدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتى ياكى ساياھەتكە ماڭغاندىكى تەقەززالىق ھېسلىرى بىلەن پويىزغا چىقىشقا تەييارلىنىدۇ؛ بالىلار سۇدا ئوينىشىپ، سۇلارنى بىر-بىرىگە چاچرىتىدۇ، سالقىن سۇ تامچىلىرى قۇياش نۇرىدا مەرۋايىتتەك يالتىرايدۇ؛ قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ياڭراپ، ھەممە يەر قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمۈپ، بۇ تۇپراق باشتىن كەچۈرگەن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتتىن دېرەك بېرىدۇ، گۈزەل كەلگۈسىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۈمىد ئېتىزلىرىدا ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ شېرىن ھىدى ھەممە يەرنى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدۈرىدۇ.
ياز كۈنلىرى بىر پارچە رەڭدار رەسىمگە ئوخشاش، تۇرمۇشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە شېئىرىي ھېسلارنى، خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق، كۈرەش ۋە ئىناقلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ. (رېن جياڭ)
7-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدا ئارام ئالغاچ كۆڭۈل ئېچىپ، ياز كۈنلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
7-ئاينىڭ 2-كۈنى، يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى بوۋاقۇم كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى قوغۇنلارنى كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، بۇ بازار 8-نۆۋەتلىك قوغۇن بايرىمى ئۆتكۈزدى، قوغۇن تېرىيدىغان دېھقانلار ئۆزلىرى تېرىغان قوغۇنلارنى پائالىيەت نەق مەيدانىغا ئېلىپ كېلىپ كۆرگەزمە قىلدى ھەم ساتتى.
جاڭ يۈن فوتوسى
7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ كۈتۈش زالىدا، بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 17 كۈنلۈك شىنجاڭ ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتىشقا تەييارلاندى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
7-ئاينىڭ 2-كۈنى، كىچىك دوستلار سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسى ئىچىدىكى سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسىدا سۇدا ئوينىماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى
7-ئاينىڭ 3-كۈنى، جىمسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى دۇڭجياۋەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى قولىدا پىشقان بۇغدايلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.
جاڭ دېفېڭ فوتوسى
7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىشچىلار چاغانتوقاي ناھىيەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا. بۇ تۈرگە جەمئىي 103 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئوقۇتۇش بىناسى، ئۇنىۋېرسال بىنا ۋە يۈرۈشلۈك يانداش ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى
7-ئايىڭ 3-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى خوتەندىكى بىر تاللا بازاردىن مېۋە-چېۋە سېتىۋالماقتا.
جېن لىمىن فوتوسى
خەلق تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى