تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۆۋەندىكى يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىگە دىققەت قىلىڭ

7-ئاي كىرىپ

ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى كۈتۈۋالدى

ھەر يىلى يازلىق تەتىل ھەم بالىلارنىڭ ئەڭ خۇشال مەزگىلى

ھەم سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش، بىنادىن چۈشۈپ كېتىش، قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق

تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەر ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل

بالىلار قانداق قىلغاندا تەتىل مەزگىلىنى خۇشال، مەنىلىك، بىخەتەر ئۆتكۈزەلەيدۇ؟

بۇ يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنى چوقۇم كۆرۈڭ!


بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىدىن ھوشيار بولۇڭ

بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارغا تۆۋەندىكىدەك تەربىيە بېرىڭ:

1. ئۆز ئالدىغا سۇ ئۈزمەسلىكىنى ئېيتىڭ؛ 

2. ئۆزىگە تونۇش بولمىغان سۇ رايونىغا بېرىپ سۇ ئۈزمەسلىكىنى ئېيتىڭ؛

3. ئاتا-ئانىلار ۋە ھامىيلار بولمىغان ئەھۋالدا سۇ ئۈزمەسلىكىنى ئېيتىڭ؛

4. دەريا بويى، سۇ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش سۇپىلىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى سۇ كۆلچىكى قاتارلىق رايونلاردا ئوينىماسلىقىنى ئېيتىڭ؛

5. دەريا بويىدا نەرسە-كېرەكلەرنى يۇيماسلىقى، بېلىق، راك قاتارلىقلارنى تۇتماسلىقىنى ئېيتىڭ؛

6. دەريا، كۆل قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بولمىغان، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى بولمىغان مەيدان-سورۇنلاردا سۇ ئوينىماسلىقى ۋە سۇ ئۈزمەسلىكىنى ئېيتىڭ؛

7. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياكى مەنزىرە كۆلچىكى يېنىدا ئوينىماسلىقىنى ئېيتىڭ؛

8. ھەمراھلىرىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، دەرھال چوڭلارنى ياردەمگە چاقىرىشى، قارىغۇلارچە قۇتقۇزماسلىقىنى ئېيتىڭ.


سىرتلارغا چىقىپ ئوينىغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ

1. بارماقچى بولغان مەنزىلىڭىز ھەمدە لىنىيە بويلىرىنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىڭ، ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن سەپەر پىلانىڭىزنى ۋاقتىدا تەڭشەڭ؛ 

2. تاغلىق رايون، دەريا جىلغىسى قاتارلىق رايونلاردا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، تاش چۈشۈش، لاي-لاتقىلىق ئېقىن ئېقىش، تاغ كەلكۈنى كېلىش قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ-خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىڭ.

3. رەسمىي ئېچىلمىغان، ئېچىۋېتىلمىگەن، بىخەتەرلىك كاپالىتى كەمچىل بولغان رايونلاردا ساياھەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ؛

4. كېمە ھەيدەش، سۇدا ئېقىش، سۇغا چوڭقۇر چۆكۈش قاتارلىق سۇغا ئائىت پائالىيەتلەر ۋە يۇقىرى بوشلۇق، يۇقىرى سۈرئەت، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش قاتارلىق خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولغان ساياھەت تۈرلىرىگە قاتنىشىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ؛

5. سەيلە-ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرغاندا، بەلگىلىمىگە بويىچە قۇتقۇزۇش كىيمى كىيىڭ، زۆرۈر بولغان قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنمىگەن سەيلە-ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرماڭ؛

6. مېھمانساراي، مېھمانخانىدا قونماقچى بولغاندا، بىخەتەر چىقىش ئېغىزى ۋە تارقاقلاشتۇرۇش يولىنىڭ ئورنىنى بىلىۋېلىڭ، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى قويۇلغان ئورۇنغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ.


يازلىق تەتىلدە كەلكۈن كۆپ يۈزبېرىدۇ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىڭ

1. ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات، ئالدىن سىگنال ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ، تەيفېڭ بورىنى چىقىۋاتقاندا، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا زۆرۈر بولمىسا ئامال بار سىرتقا چىقماڭ؛

2. گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا، ئويمان رايونلاردا، سۇ كۆلچىكى، سۇ ئامبىرى قاتارلىق خەتەرلىك رايونلاردا پائالىيەت قىلماڭ؛

3. سىرتتا ۋاقىتلىق قۇرۇلما، ئېلان تاختىسى، چوڭ دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ ئەتراپىدا يامغۇردىن دالدىلانماڭ؛

4. يىغىلىپ قالغان سۇدا مېڭىشقا توغرا كەلسە، ئەتراپنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىڭ، يەر ئاستى قۇدۇقى، ئازگال، ئۆڭكۈر قاتارلىقلارغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ؛

5. يامغۇرلۇق كۈندە سىرتقا چىققاندا، يول چىرىغى، يۇقىرى بېسىملىق سىم قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭ، تونېل، كۆۋرۈك ئاستى قاتارلىق ئويمان جايلاردىن ئايلىنىپ مېڭىڭ؛

6. قاتتىق يامغۇر يېغىشنىڭ ئالدى-كەينىدە تاغلىق رايون، دەريا جىلغىسى قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر كۆپ يۈزبېرىدىغان رايونلارغا كىرىشتىن ساقلىنىڭ؛

7. مۆلدۈرلۈك ھاۋارايىغا يولۇققاندا، دەرھال بىخەتەر جايغا بېرىپ مۆلدۈردىن پاناھلىنىڭ؛

8. قىسقا ۋاقىتلىق قاتتىق ھۆل-يېغىنغا يولۇققاندا، ئويمان رايونلاردىن يىراق تۇرۇڭ، سۇ يىغىلىپ قالغان رايونلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ.


تەتىلدا ئۆيدە تۇرغاندىمۇ بىخەتەرلىككە سەل قارىماڭ

1. ئۆيدە ئوت ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ، سىرتقا چىقماقچى بولغاندا «ئۈچنى تازىلاپ، ئۈچنى ئېتىۋېتىڭ»؛

2. بالىلارغا بالكون ياكى باشقا ئېگىز جايلارغا ياماشماسلىق، يېقىلىپ يارىلىنىش، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىڭ؛

3. ئامال بار بالىلارغا كۆمۈر گازى ياكى ئوچاق ئىشلەتكۈزمەڭ، ئەگەر چوقۇم ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە چوڭلار ھەمراھ بولۇشى كېرەك؛

4. ئىسرىق قاتارلىق پاشا قوغلايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە، كىرلىك، پەردە قاتارلىق ئاسان ئوت ئالدىغان بۇيۇملاردىن يىراق قويۇڭ؛

5. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتمەڭ، ئېلېكتىر سىمىنى ئۆز ئالدىڭىزغا تارتماڭ، ئۇلىماڭ؛

6. ئۆينىڭ بالكونى، پېشايۋىنى قاتارلىق رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلىڭ؛

7. بالىلارغا ئوت ئوينىماسلىق، ئوت كەتكەننى بايقىغان ھامان 119غا تېلېفون بېرىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىڭ.


يازلىق تەتىلدە سىرتقا چىققاندا، قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ

1. قاتناش قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىڭ، ھەر خىل مەنئى قىلىش بەلگىلىرىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلماڭ؛ 

2. 12 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ۋېلسىپىت مىنىشىگە، 16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ توكلۇق ۋېلسىپىت مىنىشىگە يول قويماڭ؛

3. توكلۇق ۋېلسىپىتتا ئولتۇرغاندا ياكى مىنگەندە بىخەتەرلىك قالپىقىنى بەلگىلىمە بويىچە كىيىڭ؛

4. پىيادە ماڭغاندا ياكى ۋېلسىپىت مىنگەندە يان تېلېفونغا قارىماڭ، مۇزىكا ئاڭلىماڭ، باشقىلار بىلەن ئويناشماڭ؛

5. موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدا، يول بويىدا ياكى ئاپتوموبىللار ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان رايونلاردا ئوينىماڭ؛

6. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا مۇنتىزىم قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇڭ، نومۇر تاختىسى بولمىغان، ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ھەمدە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغانلار ئارتىپ كەتكەن ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرماڭ؛

7. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ياخشى تاقاڭ، ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىلغا ھەم كىشىلەرگە دىققەت قىلىڭ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىڭ.


تومۇز ئىسسىقتا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

1. تومۇز ئىسسىقتا سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى ئازايتىڭ، سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ، قۇياش نۇرىغا بىۋاسىتە قاقلىنىشتىن ساقلىنىڭ؛ 

2. ئۇزاق ۋاقىت تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان مۇھىتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىڭ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچ قاتارلىقلار بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىڭ.

3. سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ، ئاپتاپ توسۇش كۈنلۈكى، ئاپتاپ توسۇش قالپىقى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىڭ؛

4. سىرتتا پائالىيەت قىلغاندا مۇۋاپىق كىيىنىڭ، يېنىك، نېپىز، ئازادە، سۇس رەڭلىك كىيىملەرنى تاللاپ كىيىڭ؛

5. ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم سۇ ئىچىڭ، بەدىنىڭىزدىكى تۇز مىقدارى ۋە مېنىرال ماددىلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاڭ؛

6. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، سالقىن جايغا يۆتكىلىپ ئارام ئېلىڭ.


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاخبارات تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.