ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق پەسلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نەچچە مىليون مو كۈزگى بۇغداي ئورۇلۇشقا باشلىدى. بىڭتۇەن 1- شى ئارال شەھىرىدە كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى «چوڭ سىناق»نى كۈتۈۋالدى.
6- ئاينىڭ 26- كۈنى، 1- شى 1- تۇەندىكى كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، بىر نەچچە چوڭ تىپتىكى كومبايىن موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، يىغىۋېلىش نەق مەيدانى تەرتىپلىك ئىدى. شۇ كۈنى سائەت 22دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر تارقالدى: يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، 1- شى ئارال شەھىرى بەرپا قىلغان كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىرىنىڭ ھوسۇلىنى ئەمەلىي ئۆلچىگەندە، 1- تۇەندىكى 100 مو ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 755.6 كىلوگىرام، 1000 مو ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 731.3 كىلوگىرام، 10 مىڭ مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 703.8 كىلوگىرام بولدى، ئۈچ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا جەنۇبىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يارىتىلدى.