كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن
شىنجاڭ «1 + 10 + 1» سىياسەت سىستېمىسىنى تۈزدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «1 + 10 + 1» سىياسەت سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىققان، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىرىكتۈرۈلگەن يۈرۈشلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە كۈچەش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يوشۇرۇن ئىستېمالنى قوزغىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش.
بۇنىڭ ئىچىدىكى «1» «ئاپتونوم رايوننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلدى)نى؛ «10» سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، داۋالاش ساھەسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتى، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش يېشىل تەرەققىيات ھەرىكىتى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى، كېرەكسىز، كونا مەھسۇلات ـ ئۈسكۈنىلەرنى يىغىۋېلىپ ئايلانما پايدىلىنىش ھەرىكىتى قاتارلىق 10 تۈرلۈك ھەرىكەتنىڭ كونكرېت مەشغۇلات چارىسىنى؛ ئەڭ ئاخىرقى «1» مالىيە ـ باج جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى كۆرسىتىدۇ.
«كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ بىر زور پۇرسەت.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن شىنجاڭدا ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە 10 تۈرلۈك ھەرىكەت، 27 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2027 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 2023 ـ يىلىدىكىدىن %25تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنېرگىيە تېجەش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى A دەرىجىلىك سەۋىيەگە يەتكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىدا رەقەملەشكەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنىڭ رەقەملىك كونترول قىلىنىش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %57، %72تىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش مىقدارى 2023 ـ يىلىدىكىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە ئاشۇرۇلىدۇ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا مىقدارى 2023 ـ يىلىدىكىدىن %45 ئاشۇرۇلىدۇ، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش مىقدارى 2023 ـ يىلىدىكىدىن %30 ئاشۇرۇلىدۇ، ھاسىلىي ماتېرىياللارنىڭ بايلىق تەمىناتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %50تىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش نىسبىتى %60 ئەتراپىغا ئۆستۈرۈلىدۇ.
كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە، مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك. ليۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمى ۋە ئالاقىدار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى قەدەم بويىچە، باسقۇچقا بۆلۈپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، بولۇپمۇ كەڭ كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئورتاق ھالدا كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.