ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كۆڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ) يېقىندا رەسمىي تارقىتىلغان بولۇپ، ئون تۈرلۈك ھەرىكەت، 27 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. شى شىن فوتوسى
ئون تۈرلۈك ھەرىكەت سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق يەتتە چوڭ ساھەدىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتى ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش، يېشىل تەرەققىيات، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، كېرەكسىز، كونا مەھسۇلات، ئۈسكۈنىلەرنى يىغىۋېلىپ تەكرار پايدىلىنىش قاتارلىق ئۈچ چوڭ جەھەتتىكى ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە شىنجاڭنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمەت نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەدىكى ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى 2023-يىلىدىكىدىن %25تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش مىقدارىنى 2023-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە كۆپەيتىش، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا مىقدارىنى 2023-يىلىدىكىدىن %45 ئاشۇرۇش، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش مىقدارىنى 2023-يىلىدىكىدىن %30 ئاشۇرۇش، ھاسىلىي ماتېرىياللارنىڭ بايلىق تەمىناتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %50تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش قاتارلىقلار.
ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ قوللىنىشنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە، باج جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق زۆرۈر ئامىللارغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تىرەكلەرنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى