تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇتۇبىدا تۇنجى ئېڭىزغا تېرىلغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلى ئۆلچەندى

​    6-ئاينىڭ 24-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لۇڭيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى زەمبۇرۇغ ئوتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنىكلارنى تەشكىللەپ، ۋۇگۇڭتەي بازىرى داچۈەن كەنتىدىكى تېرىلغىنىغا 50 كۈن بولغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلىنى ئۆلچىدى، ھوسۇلىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تۇنجى ئېڭىزغا تېرىلغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 6.33 توننىغا يەتكەنلىكى ئېنىقلاندى، پۈتۈن يىللىق مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 18 توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. 2023-يىلى 7-ئايدا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لۇڭيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى دۆلەت زەمبۇرۇغ ئوتى مەركىزىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى لىن جەنشى پەن تەتقىقات كوللېكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىدە چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ يىل ئەتىياز كىرىشى بىلەن قۇتۇبى ناھىيەسى زەمبۇرۇغ ئوتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇردى، ھازىر مىڭ موغا يېقىن يەرگە چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتى تېرىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ يۇڭچىڭ، ليۇ يەنخۇي

مۇتەخەسىسلەر يەككە تۈپىنىڭ ئېغىرلىقى، تېرىش زىچلىقى، تۈپلىنىش مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆلچەش ئارقىلىق چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلىنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچىمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىمەكتە.

   چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتى بىر خىل يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ بولۇپ، «ئوت-چۆپ شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئوزۇقلۇقى مول، يىرىك ئاقسىل مىقدارى كۆممىقوناق غولىنىڭكىدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە يۇقىرى، بىر يىلدا ئىككى قېتىمدىن، ئۈچ قېتىمغىچە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى ئوت-چۆپ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.