شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتى بويىچە سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە «ھادىسىنى ئازايتىش، ئېغىر ھادىسە يۈزبېرىشنى تىزگىنلەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىنى ياخشى بولغان يول قاتناش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.
سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ يىغىنغا قاتناشتى.