تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېڭىسار ناھىيەسىدە كەپتەر ئاۋازى ياڭرىدى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىر يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرىغا جايلاشقان يېڭىسار ناھىيە گوخې كەپتەرچىلىك چەكلىك شىركىتىگە كىرگەندە، ئۈچ قەۋەتلىك ئىستېرېئولۇق قاتلانما كەپتەر قەپىزىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كەپتەر ياخشى يىتىلگەنىدى، خىزمەتچىلەر كەپتەرلەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت 10 مىڭ جۈپ نەسىللىك كەپتەر بېقىپ، يىللىق سېتىلىش مىقدارىنى 150 مىڭدىن ئاشۇرغان، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە بىر تۈركۈم باقمىچىلىق ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار يىن جياخۇي، راھىلەگۈل)

خىزمەتچىلەر كەپتەرخانىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

خىزمەتچىلەر كەپتەر تۇخۇمىدىن باچكا چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

​«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.