تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا تايىنىش كېرەك. مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى كۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يەنىلا ساقلىنىۋاتقان بەزى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار رىقابەت ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن ـ تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك بولۇشتىن كەسىپلەر كۈچلۈك، ئىقتىساد كۈچلۈك، دۆلەت كۈچلۈك بولۇشقىچە بولغان جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىنى ئاچتى. بۈگۈنكى دۇنيادىكى رىقابەت تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، مائارىپ رىقابىتى، كىم تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرەلىسە ۋە جەلپ قىلالىسا، شۇ رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ. دۆلىتىمىز بۇرۇنلا دۇنيا بويىچە پەن ـ تېخنىكا ئادەم كۈچى بايلىقى ئەڭ مول دۆلەتكە ئايلاندى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى كۆلىمى، پەن ـ تېخنىكا ئادەم كۈچى بايلىقى ھەم تەتقىق قىلىش ـ ئېچىش خادىملىرىنىڭ سانى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر يەرشارى بويىچە باش ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن ئالدىنقى قاتاردىكى پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ماس كەلمەسلىكتەك قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت بىر قەدەر گەۋدىلىك. جەزمەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە توپلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردىكى پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى ۋە دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك.

«پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە مائارىپقا تايىنىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، بىر مۇھىم تەرەپ «مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش.» پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تۇنجى قېتىم دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە تەڭ مەركەزلىك بايان قىلىنىپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىياتقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى نامايان قىلىندى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىچكى جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە، بىر ـ بىرىگە تىرەك بولىدۇ، پەقەت بۇ ئۈچىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى بولغان ئىجادچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققاندىلا، ئاندىن ئىختىساسلىقلار رىقابىتى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەسسىلەپ ئېشىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز بەرپا قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، تىرىشىپ ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار، بىرىنچى قاتاردىكى پەن ـ تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچەش، قالتىس ئىنژېنېرلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك؛ ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىپ، ئۇلارنى دادىل ئىشلىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەپ، قىزغىن غەمخورلۇق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش سەرخىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تېخىمۇ ئىجابىي، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يەرشارىۋى ئەقىل ـ پاراسەت بايلىقى توپلانغان يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى. ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەمىز يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىلىم ـ پەننى قەدىرلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇردى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى سىجىل يارىتىپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقاتتا سەمىمىي بولۇش ۋە ئىستىل، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلارنى «پەن ـ تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدىكى ياخشى يول ئاچقۇچىلاردىن، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئۈستىگە ئالغۇچىلاردىن، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يېتەكلىگۈچىلەردىن، ئالىملار روھىنىڭ ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش»قا ئىلھاملاندۇردى، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ «ئاڭلىق ھالدا ئىلىم ـ پەنگە بولغان ئىنتىلىشىنى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا سىڭدۈرۈش»ىنى ئۈمىد قىلدى. پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، پەن ـ تېخنىكا سېپىدىكى ۋەزىپە ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە چەكسىز كەڭ. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، چوقۇم دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتقاندىلا، چوقۇم پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى، تۈگىمەس ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.