تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

تارىخ ئۇلۇغ مۇساپىگە گۇۋاھ بولىدۇ، ۋاقىت كۈرەش ئىزلىرىنى نەقىشلەيدۇ. بۈگۈن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. قاينام ـ تاشقىنلىق يىللارنى بېسىپ ئۆتكەن، بوران ـ چاپقۇنلۇق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتماقتا؛ ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلاپ، گۈللىنىش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ھەيۋەت بىلەن ئېلىپ بارماقتا.

100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى قالتىس مۇساپىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ، جۇڭگو نامرات ھەم ئارقىدا قالغان ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى 2 ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، يېزىلاردىكى نەچچە يۈز مىليون نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان زور خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى.

پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى شۇنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت بولۇپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىزگە مەلۇمكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان يېپيېڭى تېمىلارغا دۇچ كېلىمىز، ھەر خىل جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلارغا ئۇچرايمىز، نۇرغۇن بوران ـ چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇننىڭ ئېغىر سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرىمىز. بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولغاندىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل ئىشلەش داۋامىدا يول ئاچقىلى بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگو يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.» چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا يۈزلىنىپ، جەزمەن ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشىگە، ئىستىقبالى ـ تەقدىرىگە، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇنى جەزمەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقساقلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى خىرىس، يېڭى سىناق، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنتىزام تەلىپىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىي ئىرادىمىز، ئىنتىزام ئىرادىمىز، ئەخلاق ئىرادىمىز، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى پارلاق يول، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەققانىي يول. بۇ بىردىنبىر توغرا بولغان داغدام يولنى بويلاپ مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىز چەكسىز قەيسەر بولدۇق، چەكسىز ئىشەنچكە تولدۇق. «بىز ھەممىمىز كۈرەش قىلغۇچىلار، ئۆتمۈشتىن كۈرەش قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ، مۇشۇنداق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىزنىڭ كەلگۈسى نىشانىمىز ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى ئۇلۇغ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا داۋاملىق ئەمەلىي ئىشلىشىمىزگە، كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.» بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ يارقىن سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.