تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭىلىق ياراتقاندىلا كەلگۈسىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، ئىسلاھات دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، «پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

ئەگەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئىسلاھات بۇ يېڭى موتورنى ئوت ئالدۇرۇشتا جەزمەن كەم بولسا بولمايدىغان ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئومۇميۈزلۈك كۈچىدى، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئۇنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇردى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، چىقىرىلغان لايىھەنىڭ كۆپلۈكى، چېتىلىدىغان مەنپەئەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى. مۇھىم پەن تەتقىقات ۋەزىپىلىرىگە قارىتا «قابىللار باشلامچى بولۇش» ۋە «ئات بەيگىسى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن بىلىم قىممىتىنى يېتەكچى قىلغان تەقسىمات سىياسىتىنى يولغا قويۇشقىچە، ئىشىنىش ئاساسىدىكى پەن - تېخنىكا تۈرى ۋە خىراجەتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن سۈپەت، ئۈنۈم، تۆھپىنى يادرو قىلغان باھالاش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشقىچە... دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، «پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان 143 تۈرلۈك ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچلىرى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

پەن - تېخنىكا ساھەسى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ساھە. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش» دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر ماددا. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يەنىلا كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت، بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى، ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشتا جەزمەن پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت پەن - تېخنىكا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكىنى يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ياخشى مۇھىتنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە پەن - تېخنىكا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا قويۇپ بېرىلگەن كۈچلۈك «ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى» ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ «پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسى»نى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئېنىق تەلەپ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلمىي ئۇسۇل ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئىسلاھات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىنى تۈزىتىشكە چىڭ قادىلىپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ تەشكىللىك بولۇش، ماس بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، پەن - تېخنىكا بايلىقى تارقاق بولۇش، تەكرار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كۈچنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىش كېرەك. رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، پەن - تېخنىكا خىراجىتىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەم نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش؛ ھەم مەسىلىنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا جەزمەن ئىسلاھاتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ سەپلەپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ئىسلاھاتتا بىكار قىلىشمۇ، ئورنىتىشمۇ بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئورنىتىش بىلەن بىكار قىلىشنى تەڭ تۇتۇش مېتودولوگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «<تۆت ھەممىنى بەلگىلەشنى بۇزۇپ تاشلاش> بىلەن <يېڭى ئۆلچەم تۇرغۇزۇش>نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى، كىرىم تەقسىماتى، نەتىجىگە ھوقۇق بېرىش قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، <قالپاق> <ۋىۋىسكا>لارنى قالايمىقان تارقىتىش ئىستىلىنى سىجىل تۈزەپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا زېھنىنى يىغىپ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، تۈر يوللاش، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش، مۇكاپات باھالاش، بايلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زېھنىنى چاچىدىغان، چارچايدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ئازايتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، «تۆت ھەممىنى بەلگىلەشنى بۇزۇپ تاشلاش» ۋە «يېڭى ئۆلچەم تۇرغۇزۇش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق زېھنىنى پەن تەتقىقاتقا مەركەزلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ، يۈكنى يېنىكلەتكەندىلا، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مەنبەلىرىنى تولۇق قوزغاتقىلى بولىدۇ.

ئىسلاھاتچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھاتچىلار، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتەك غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاتقاندىلا، بىز چوقۇم پەن - تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى شانلىق سەھىپە پۈتۈپ چىقالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.