6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مۇزېيىدا «ئەينەكتىكى ئۇزاق يىللار − جۇڭگو قەدىمكى دەۋر مىس ئەينەك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) شىنجاڭ مۇزېيى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدىكى مۇھىم مەيدان-ساراي بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى، گۇگۇڭ مۇزېيى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاماشىبىنلارغا ئىككى مەيدان ئېسىل كۆرگەزمە تەقدىم قىلدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، «ئەينەكتىكى ئۇزاق يىللار − جۇڭگو قەدىمكى دەۋر مىس ئەينەك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى»دە جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان مىس ئەينەك ۋە ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىن 244 يۈرۈش كۆرگەزمە بۇيۇمىنى تۈجۈپىلەپ تاللاپ چىقىپ، جۇڭگو قەدىمكى مىس ئەينەك تەرەققىيات تارىخى سىستېمىلىق نامايان قىلىندى. «چاقناپ تۇرغان قۇتلۇق شەپەق نۇرى − گۇگۇڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئوردىدا ئىشلىتىلگەن ئېسىل ئېماللانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسى» گۇگۇڭ مۇزېيىدىكى 6000دىن ئارتۇق قەدىمكى ئېماللانغان بۇيۇملار ئىچىدىن 128نى تۈجۈپىلەپ تاللاپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى ئېماللاش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تىرىشىپ ئەكس ئەتتۈردى.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مۇزېيىدا «چاقناپ تۇرغان قۇتلۇق شەپەق نۇرى − گۇگۇڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئوردىدا ئىشلىتىلگەن ئېسىل ئېماللانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچى شىنجاڭ مۇزېيىدا «ئەينەكتىكى ئۇزاق يىللار − جۇڭگو قەدىمكى دەۋر مىس ئەينەك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچى شىنجاڭ مۇزېيىدا «چاقناپ تۇرغان قۇتلۇق شەپەق نۇرى − گۇگۇڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئوردىدا ئىشلىتىلگەن ئېسىل ئېماللانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچى شىنجاڭ مۇزېيىدا «ئەينەكتىكى ئۇزاق يىللار − جۇڭگو قەدىمكى دەۋر مىس ئەينەك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مۇزېيىدا «چاقناپ تۇرغان قۇتلۇق شەپەق نۇرى − گۇگۇڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئوردىدا ئىشلىتىلگەن ئېسىل ئېماللانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت» تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى