6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خەلق سەنئەتكارلىرى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى ۋە خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىقلارنىڭ كۆرگەزمە سارايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئۆزگىچە يېمەكلىك قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەرگە چېتىلىدىغان خاس مەھسۇلاتلار نۇرغۇن سودىگەرنى مەسلىھەت سوراش، كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كۆرگەزمە سارايلىرى كۆرگەزمىدە جۇلالىنىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، سودىگەرلەر قەشقەر ۋىلايىتى كۆرگەزمە ئورنىدا شىنجاڭ گۇاڭشىندا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان يۈرۈشلۈك ساپ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، تاماشىبىنلار خوتەن ۋىلايىتى كۆرگەزمە ئورنىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئارتىسلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خەلق سەنئەتكارلىرى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئاقىنلار ئېيتىشىشى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خەلق سەنئەتكارلىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، سودىگەرلەر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان گۈرۈچلەرنى چۈشەنمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، سودىگەرلەر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، تاماشىبىنلار كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، سودىگەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا تىزگىنەكلىك ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنى چۈشەنمەكتە.