ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
6-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان دۇنيا بويىچە تۇنجى يوللاش تېرمىنالى 12 مىليون كىلوۋات/ 1100± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى مودېلى كۆرگەزمە بۇيۇمىنىڭ ئالدىدا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىگىلىمەكتە.
ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. باشلانغان تۇنجى كۈنى، تۈرلۈك يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى، تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەر قايسى كۆرگەزمە سۇپىلىرىدىكى مەدەنىيەت كۆرىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك پات ـ پات قەدەملىرىنى توختىتىپ تاماشا قىلدى. پەن-تېخنىكا بىلەن مەدەنىيەت 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە گىرەلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر دۇڭگۈەن شەھىرى باۋيۈن ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەر چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىكىش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسەتمەكتە.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى، قازاقىستاندىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شاڭخەي دېچېڭ جۇبو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا كىچىك تىپتىكى سوغۇق كاتودلۇق X نۇر ئەسۋابى مەھسۇلاتىنى چۈشەنمەكتە.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ زال سىرتىدىكى ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمە رايونىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى چۈشەنمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى