ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق پىلانلاپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن «تەڭ نەپ ئېلىش كۈيى»نى ياڭراتتى.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىم ئېكسكۇرسىيەچىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنى تونۇشتۇرماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە موتور مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو تۇڭيۇڭ تېخنىكا (گۇرۇھى) پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سىناپ كۆرمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىم ئېكسكۇرسىيەچىگە G50 يېقىلغۇ گېنېراتورى مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر خىزمەتچى خادىمدىن AI تېخنىكىسىنىڭ خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى قوللىنىلىشىنى ئىگىلىمەكتە.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئىخچام، يېنىكلىتىلگەن 550kvلىق گاز بىلەن ئىزولياتسىيەلەنگەن مېتال يېپىق كەيگۈەن ئۈسكۈنىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، موي قەلەمدە خەت يازالايدىغان ماشىنا ئادەم نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى.
كۆرگەزمىدە تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش، ئۇدۇللىشىش، كېلىشىم ئىمزالاشنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق ئالاقە سۇپىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ كېڭىشىش ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە داڭلىق ماركا ئۈنۈمى، تاشما ئۈنۈم بارغانسېرى گەۋدىلەندى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار بۇ يەردە بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىق ھەمراھى ئىزدەپ، كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى