تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر| تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى ئالاھىدە نامايان قىلىندى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، تاماشىبىنلار مەركەز كارخانىلىرى سارىيىدا جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان ئالەم قاتنىشى پاكىز ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تەييارلاشنى ھەل قىلىش لايىھەسى مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىندى. ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇ تۆت كۆرگەزمە سارىيى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، كېڭىشىش ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن سودىگەرلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيىدا، قەشقەر كوئىنلۇن ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تاماشىبىنلارغا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيىدا، فوشەن شەھىرى يۇئېرشاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرگە 3D بېسىش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تاماشىبىنلارغا قانداق قىلىپ كېرەكسىز كۆمۈر تېشىنى گۆھەردەك يېڭى ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئاقىل «ياخشى ئۆي» بەرپا قىلىش جەريانىنى تونۇشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەركەز كارخانىلىرى سارىيىدا، تاماشىبىنلار جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتا مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.