تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئورتاق يارىتىش

​− 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

يازنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، دەل - دەرەخ ۋە گۈل - گىياھلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، بارلىق شەيئىلەر گۈزەللىكنى تەڭ نامايان قىلىپ تۇراتتى.

دۇنيانىڭ نەزەرى جۇڭگو شىنجاڭغا مەركەزلەشتى. 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى داغدۇغىلىق باشلاندى.

«جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.» 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىكى ھەربىر سۆز - جۈملىلەر مەردانە، جاراڭلىق ئىدى.

ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈچۈن يېتىپ بارالمايدىغان مەنزىل يوق. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە 50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 1900دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپاراتنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى دەل تەبرىك خېتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش مۇھىتىنى ئورتاق قوغداش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى يەتكۈزدى.

«بۇ يەردە يول تورى ھاياتىي كۈچكە تولدى، كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مەدەنىيەت گۈزەللىكلەردە ئورتاقلاشتى... بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا.» سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چوڭ ئېكراندا بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى قويۇلۇشقا باشلىدى. ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، مېخانىك بىلەكلەر توختىماي ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتلار، ئالدىراشلىققا تولغان پورت ۋە ئايرودۇرۇملار... تېز ئالمىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان، جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. يىغىن مەيدانىدا، سۆزلەر جاراڭلىق بولدى، ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، چىراغلار چاقنىدى، فوتو ئاپپارات كۇنۇپكىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بېسىلدى.

«جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 2011 - يىلىدىن بۇيان يەتتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئاممىۋى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ سۆزىدە جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

دەرۋەقە شۇنداق. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، تەسىر كۈچى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۆزلەش كۆرگەزمىنىڭ شىنجاڭغا، جۇڭگوغا، دۇنياغا بەرگەن غايەت زور ئىلھامى.

سودا قورۇقچىلىقى قايتا باش كۆتۈردى، ئېنېرگىيە باھاسىدا داۋالغۇش بولدى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى خەۋپ - خەتەر كۈچەيدى، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىس ئېلىپ كەلدى... دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن ئەزىز مېھمان سۆزىدە، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئېنىقسىزلىقىغا بولغان ئەندىشىسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىپادىلىدى.

مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، قانداق قىلغاندا يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلەنگىلى، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئورتاق ياراتقىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى يەنىلا ئېچىۋېتىش.

«بىز جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن كان قېزىش ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە قىزىقىمىز.» قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف سۆزىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ سۇ بايلىقى، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەمكارلىشىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

«ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى ئۈنۈملۈك جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستىقباللىق ھەمكارلىق ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف.

«تاجىكىستان تاغلار كۆپ بولغان يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى تېرىشتا ياخشى شارائىتقا ئىگە. يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاشنى قانات يايدۇرۇش رايونلار ئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى» دېدى تاجىكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا.

«جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، تۆمۈريول، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق تورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. بىز كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورىدىن تېخىمۇ ئاكتىپ پايدىلىنىپ، سودا يولىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى فابرىچىئو خوكچايلد ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ئوينىغان رولىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىدى، «ھەر يىلى نۇرغۇن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەر ئارقىلىق ماللارنى ياۋروپاغا توشۇيدۇ. بۇ خىل سودا ئالاقىسى بارلىققا كەلتۈرگەن ماسلىشىش ئۈنۈمى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

«بېيجىڭ شەھىرى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە <كىچىك گىگانت> كارخانىدىن 12نى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. كۆرگەزمىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان <يىپەك يولىدىكى ئۇچرىشىش> ئارقىلىق، ھەرقايسى يېڭى، كونا دوستلار بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

«شەندۇڭ ئۆلكىسى كۈچنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولىدۇ».

«سىچۇەن ئۆلكىسى شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە چېڭدۇدىن شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا، شىنجاڭدىن چېڭدۇ ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان خەلقئارا تىرانسپورت چوڭ يولىنى بەرپا قىلىپ، پان ئاسىيا، پان ياۋروپادىكى كەڭ خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرىدۇ».

...

يىغىن مەيدانىدا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، كۆز قاراشلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، كەلگۈسى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەنگەن، كۈچ توپلانغانىدى.

كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش ۋە ھەرىكەتكە كېلىش ئارقىلىق ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.