تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئامېرىكا - جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى بارستوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى پائول كورتنېي باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا - جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولۇشى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ۋە جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشكە، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ نەپ ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ھازىرقى جۇڭگو شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ. بىز رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا سىجىل تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەنلىكى ھەممىگە ئايان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ۋە چەكلىشىنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق. ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر يول بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشى ۋە توغرا تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، تىرىشىپ جۇڭگو شىنجاڭدا يېڭى بوشلۇق ئېچىشىنى، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پائول كورتنېي جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئاكتىپ ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئارقا - ئارقىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش ئاساسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق كارخانا ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە جۇڭگو شىنجاڭدا ھەقىقىي كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ھەمبەھرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.