تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشلاندى

يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى

​8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشلاندى

​ئا . جاپاروف، ئارىپوف، خولىكزودا، جۇمانغارىن سۆز قىلدى، توروبايېف قاتناشتى​

ما شىڭرۇي قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، گاۋ يۈنلۇڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى​

گۇڭ جېڭ، جاۋ گاڭ، ۋاڭ چاڭسۇڭ، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف، ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف، تاجىكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى توروبايېف پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ، تيەنجىن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ چاڭسۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن كۆرگەزمىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى، ھەر ساھە دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچكە تولغان. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرقاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى، يېڭى بوشلۇق ئاچتى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى. بىز دىققەتنى ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. جۇڭگو شىنجاڭ دەل تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يىپەك يولى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ زور دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز. بىز قول تۇتۇشۇپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ساھەلەرنى ئورتاق ئېچىپ، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

گاۋ يۈنلۇڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى «بىر بەلباغ، بىر يول »نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇپ، يىراقتىكى تۇغقانلار، يېقىندىكى قوشنىلار بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغان، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت يولىنى ئاچتى. رەئىس شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو تەرەپ مۇشۇ ئاساستا، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا رايونىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ئۆرنىكى يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكتە، بىز ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

ئا. جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق ئىقتىساد - سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى ۋە كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم ئاساس. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، مەدەنىيەت - ساياھەت، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، تىرىشىپ سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنمىنى زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىپ، زامانىۋى تېخنىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ھازىر قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى سىجىل مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەلا بولغان مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ.

ئارىپوف مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى ھەم يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى، توقۇلما بۇيۇملار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلىگەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رامكىسىدا، بىز مۇشۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى ياساۋاتىمىز. ھازىر ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودىسىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، چەت ئەل سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك جەلپ قىلىپ، مول ئىستىقبالغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خولىكزودا مۇنداق بىلدۈردى: ئاسىيا - ياۋروپا رايونى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا غايەت زور پۇرسەتكە ئىگە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئاچتى. تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبال يارىتىپ بەردى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئورنىتىش، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. تاجىكىستاننىڭ سۇ ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ۋە مېتاللورگىيە، خىمىيە سانائىتى، بىناكارلىق ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇمانغارىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى»دە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىنىڭ باشلىنىش پەيتىدە ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. نۆۋەتتىكى يەرشارىۋى سودا ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر سودا بىلەن ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سودا توسۇقلىرىنى تۈگىتىش توغرىسىدا ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق قازاقىستاننىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىل. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىدا، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىلى»دا يېپيېڭى سەھىپە ئېچىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ئىستىقبال ۋە پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

ۋېنگىرىيە دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سىيالدو تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، ياۋروپا ئىتتىپاقى − ئاسىيا مەركىزىنىڭ رەئىسى ئېرىك سولخېيم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى فابرىزىئو خوكچايلد، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شېڭ چيۇپىڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈي جېنجياڭ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى سۇڭ جۈنجى، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى زو يۇڭشياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭ بىلەن تەڭ نەپ ئالىدىغان تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭغا كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھەم مەركەز كارخانىلىرى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرگەزمىدە كۆرگەزمە سارىيىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ما شىڭرۇي، گاۋ يۈنلۇڭ، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمە سارىيىنى ئاچتى ھەم كۆرگەزمە سارىيىنى سەييارە ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئالاقىدار دۆلەتلەردىن كەلگەن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار، يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، چەت ئەللەردىكى داڭلىق كارخانا ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، جۇڭگو سانائەت ئىقتىسادى بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، شىزاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا ۋە شىئەن شەھىرى، شېنجېن شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى، گۇاڭدا گۇرۇھى، دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، دۆلەت نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى، دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى، جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھى، جۇڭمېي ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى، جۇڭگو ماشىنىسازلىق خەلقئارا ھەمكارلىق پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.