تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر | كۆرگەزمىدىكى «پەن-تېخنىكا تۈسى»

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە بېتون سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئالاھىدە ماشىنا ئادىمىنى تونۇشتۇرماقتا.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. كۆرگەزمە سارىيىنى ئايلانغاندا، بېتون سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات، چارلاپ تەكشۈرگۈچى ماشىنا ئىت... پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھەممە يەردە پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى نامايان قىلىنغانىدى.

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، شەندۇڭ لوشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ماشىنا ئادەم موي قەلەم بىلەن خەت يازماقتا. 

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، بېيجىڭ جىشىڭجې پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە يەر سۈپۈرۈش، يەر ئېيتىش، چاڭ-توزان تازىلاش بىر گەۋدە قىلىنغان ماشىنا ئادەمنى تونۇشتۇرماقتا. 

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، خىزمەتچى خادىملار ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرۇپ 10 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقتا بۇرغىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش ماشىنىسى ئۈسكۈنىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.