تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئوخشاش بىر ئوتلۇق مۇھەببەت ياتاقداش قېرىنداشلار بىرلىكتە شىنجاڭغا ياردەم بەردى

    ​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

   6-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۇەن گاڭفېڭ دوختۇرخانىغا بېرىپلا كېسەلخانا تەكشۈرۈش، كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، كېسەللىك مىساللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، ئوپېراتسىيە قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كەچتە، ئۇ يەنە ئۈچ بۆلۈمدىكى دوختۇرلارنى يېتەكلەپ، «خەلققە قولايلىق كېچىلىك دىياگنوز قويۇش» لايىھەسىنى يېرىم كېچىگىچە ئىنچىكىلەشتۈردى، ئىشتىن چۈشكەندە ياتاقداشلىرى بىلەن توپ ئويناش پىلانى يەنە يوققا چىقتى.

    شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەريانىدا ياتاقدىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ۋەدىلىشىش

   46 ياشلىق دۇەن گاڭفېڭ ۋۇخەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، بۇلتۇر 7-ئايدا، ئۇ خۇبېي ئۆلكىسىدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كادىر، ئىختىساسلىق خادىم سۈپىتىدە بورتالا شەھىرىگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، 2-قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى.

    بۇ قېتىم، ئۇ شىنجاڭغا ئۆز پىلانىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئۇزىتىش يىغىنىدا داشۆدىكى ساۋاقدىشى ھەم ياتاقدىشى چېڭ گېڭ بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدى، ئىككىيلەن قول تۇتۇشۇپ ۋۇخەنبورتالا ئىككى جاينىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشقا ۋەدىلەشتى.

    بورتالا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۇەن گاڭفېڭ بورتالا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى بولدى. چېڭ گېڭ بورتالا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى، پەن باشلامچىسى بولدى.

     «داشۆ مەزگىلىدە، ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداش، بەش يىللىق ياتاقداش ئىدۇق، ئاسپىرانتلىققا ئۆتكەندىن كېيىن، ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئۇچراشتۇق، ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ، مۇشۇنداق ئۇسۇلدا قايتا ئۇچراشقانلىقىمىزدىن بەكلا خۇشال بولدۇم.» چېڭ گېڭ مۇنداق دېدى: «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا داۋالاش بويىچە ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە، مەن تولۇپ تاشقان غەيرەتكە كېلىپ، ئۆز قارىشىمنى دادىل يولغا قويدۇم.

    چېڭ گېڭ بىرگە بىر، بىرگە كۆپ يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بۆلۈمدىكى تېببىي خادىملارنى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، تېخنىكا كىرگۈزۈش، پەن تەتقىقاتنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى. ئۇ شۇ جايدىكى ياش دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتىغا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلىپ، تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى، قەرەللىك «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى. شۇ جايدىكى كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا، ئۇ مۇھىم نۇقتىلارنى رەتلەپ، ئەمەلىي مەشغۇلات ۋە ئوقۇتۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ئوپېراتسىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، دوختۇرلۇق بىلىم زاپىسى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ يىل 5-ئايدا، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، دوختۇرخانىدا تۇنجى تاش پارچىلاش مەركىزى قۇرۇلدى.

    «كەلگەن ئىكەنمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك. بۆلۈمدىكى نۇرغۇن ياش دوختۇر ناھايىتى زېرەك، ئۆزىمىز ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويساق ناھايىتى ئەرزىيدۇ.» چېڭ گېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش قوشۇنى بەرپا قىلىدىكەن.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۇەن گاڭفېڭ(ئوڭدا) چېڭ گېڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى

     خاس مەخسۇس بۆلۈم تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا نەپ يەتكۈزۈش

   جۇڭيى تېبابىتى دوكتورى دۇەن گاڭفېڭنىڭ بورتالاغا ئالاھىدە مېھرى بار. 2021-يىلى بورتالا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن بىر يېرىم يىللىق كەچۈرمىشى ئۇنىڭغا دوختۇرخانىدىكى ھەر بىر بۆلۈمنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇتقان. ئۇ كېتىدىغان چاغدا شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆزىنى قىزغىنلىق بىلەن تۇتۇپ قېلىشىنى ئىزچىل ئۇنتۇپ قالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يەنە بىر قېتىم بۇ تۇپراققا قەدەم قويدى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار پىلانلار رېئاللىققا ئايلانماقتا: شەھەر دەرىجىلىك ئالتە خاس نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇش، ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بىلەن تۆت مەخسۇس بۆلۈم ئىتتىپاقى قۇرۇش، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تېمىسىدىن ئۈچنى ئىلتىماس قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەۋزەل كېسەللىك تۈرى بۆلۈمىدىن ئۈچنى قۇرۇش، داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسىدىن ئىككىنى قۇرۇش، بورتالا شەھەرلىك، ناھىيەلىك، رايونلۇق داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى تېببىي تەسۋىر سۈپىتىنى كونترول قىلىش ۋە دىئاگنوز قويۇش مەركىزى قۇرۇش.

     داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە مۇرەككەپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۇەن گاڭفېڭ «دوختۇر + سېسترا + تېخنىك»تىن ئىبارەت «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈلگىسىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، يەنە دوختۇرخانىدا ئۈچ مەركەز، ئۈچ نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەۋزەل كېسەللىك تۈرىدىن ئۈچنى يولغا قويدى ھەم دوختۇرخانىدا جۇڭيى دورىسى ياساشنى ئىلتىماس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يېڭىدىن روھىي ساغلاملىق، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش، كۆكرەك ئاغرىش، سەكتە، جاراھەت داۋالاش قاتارلىق رايون داۋالاش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، يىڭنە سانجىپ داۋالاش بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملەرنى تەسىس قىلدى. ICU كېسەلخانا قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دوختۇرخانىدا داڭلىق بۆلۈم، بۆلۈملەردە داڭلىق دوختۇر بولۇش تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتتى.

    بۇنىڭدىن باشقا دۇەن گاڭفېڭ يەنە ئاقىل داۋالاش، ئاقىل باشقۇرۇش، ئاقىل مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇردى. ئۇ يېزا-بازار، مەيدان دوختۇرخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بورتالا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى تايانچ قىلىپ، شەھەر، يېزا-بازار، مەيدان، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، تەربىيەلەش زىچ بولغان داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر قانچە مۇتەخەسسىس توردا كېسەل كۆرىدىغان مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھىرلىنىش ۋە ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاممىنى ئۆيدىن چىقمايلا ئەلا داۋالىنىش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

     مېھرىبانلىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن ئاغرىقلارنى كۆڭۈلگە پۈكۈش

   بورتالا شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ جىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كەتكەن، دۇەن دوختۇرخانا باشلىقى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە ئوپېراتسىيە قىلىپ، بوۋاينىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان، يەنە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بوۋاينىڭ سالامەتلىكىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەرگەن.

    بۇ دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمى دوختۇرى خالىدەم ساتتار مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى، داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ دۇەن گاڭفېڭ مۇئەللىمنىڭ نومۇرىنى ئالىدىغان ئاغرىقلار ناھايىتى كۆپ، دۇەن مۇئەللىم ھەر بىر ئاغرىققا ناھايىتى سەۋرچان، مەيلى تومۇر تۇتۇش ياكى قاراپ دىياگنوز قويۇش بولسۇن، ئىنچىكە ھالقىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالدىراش چاغلاردا، ئۇ ھەر كۈنى 60-50 كېسەل كۆرىدۇ».

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۇەن گاڭفېڭ بىر ئاغرىقنىڭ تومۇرىنى تۇتماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى

    دۇەن گاڭفېڭنىڭ كومپيۇتېرىدا تاماملانغان ۋە تاماملانمىغان ھەر بىر ئىشنىڭ تەپسىلىي پىلانى بار، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇ مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خالىس كېسەل كۆرىدۇ، يېقىندا يەنە «ئىشلەيدىغان»لار ۋە «ئوقۇيدىغان»لارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «خەلققە قولايلىق كېچىلىك دىياگنوز قويۇش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ، «كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھازىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ساۋاقدىشىم ماڭا ھەمراھ، ھېرىپ-چارچىغاندا توپ ئويناپ ھاردۇق چىقىرىمىز، خۇشال ۋە مەنىلىك» دېدى دۇەن گاڭفېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

    «ئاق خالاتنى دوبۇلغا قىلىپ، يىراق يولنى بېسىپ كېلىش، ھەممىلا ئادەمنىڭ شىنجاڭغا كېلىش پۇرسىتى بولىۋەرمەيدۇ. ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان كەسىپنى قىلىپ، مېھرىبانلىق «ھارارىتى» ۋە تېخنىكا «نۇرى» ئارقىلىق ئاغرىقرلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلىسام ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت ھېس قىلىمەن.» دۇەن گاڭفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا داۋالاش بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، مۇساپە ئۇزۇن، ياخشى بىر دوختۇر بولۇش ئۈچۈن، ئاغرىقلارنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدىغان مېھرىبان قەلب بولۇش كېرەك. ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن، ھارماي-تالماي تىرىشىش، ئىقتىدارىنى پۇختىلاش، بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش، داۋالاش تېخنىكىسىغا بولغان پوزىتسىيەسى ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن داۋاملىق ئادەم، جاي، ۋاقىتقا قاراپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.