تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جەنۇبنىڭ مېۋىسى شىمالدا ئۆستۈرۈلدى قومۇل شەھىرى بەخت كەنتىدىكى «بەختلىك ئىش»

     مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

    تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ چاۋ

   6-ئاينىڭ 23-كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكى يېڭى تىپتىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدا، قاتار -قاتار ئۆسكەن ۋوگەن (جۈزىنىڭ بىر تۈرى) مايسىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، بەزى يېشىل شاخ-يوپۇرماقلار ئارىسىدا ئاق رەڭلىك كىچىك گۈللەر ئېچىلغانىدى، بەزى شاخلار ئارىسىدا دانە-دانە مېۋىلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ياندىكى ماڭگو دەرىخى شاخلىرى غۇچچىدە چۈشكەن مېۋىلەرنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى.

6-ئاينىڭ 6-كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكى يېڭى تىپتىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدا، ساياھەتچىلەر ۋوگەن مايسىسىنى تاماشا قىلماقتا.

ۋېي گونېڭ فوتوسى 

    «ۋوگەن مايسىسى جەمئىي 210 تۈپ بولۇپ، ھازىر دەل مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 11 توننا ئەتراپىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار. كېلەر يىلى پەرۋىش كۈچەيتىلىپ، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 25 توننىغا يېتىدۇ». بۇ پارنىكنى قومۇل دىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تېخنىكى لى جىڭفېڭ مۇنداق دېدى: پارنىكتا ۋوگەندىن باشقا يەنە شياڭجياۋ، ماڭگو قاتارلىق جەنۇبنىڭ مېۋىلىرى بار، ۋوگەننى 10-ئايدا، ماڭگونى 8-ئايدا، شياڭجياۋنى كېلەر يىلى 4ـ ئايدا ئۈزۈشكە بولىدۇ.

    ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەھەر ئاھالىسى چېن ئەيلى بالىسى بىلەن بىللە پارنىكتا سەيلە قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دائىم ۋوگەن، شياڭجياۋ، ماڭگو يەيمىز، لېكىن مېۋە دەرىخىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق. بۇ يەردىكى پارنىكتا مېۋە دەرىخى بارلىقىنى ئاڭلاپ، بالام بىلەن بىللە كېلىپ كۆرۈپ، نەزەر-دائىرىمىزنى كېڭەيتتۇق».

   پالۋانتۇر بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسەت سەمەت مۇنداق تونۇشتۇردى: بەخت كەنتىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكى «جەنۇبنىڭ مېۋىسىنى شىمالدا ئۆستۈرۈش» تۈرى قومۇل دىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇپ، پالۋانتۇر بازىرى بۇ تۈرنى تايانچ قىلىپ، مېۋە ئۈزۈش، ئىستىراھەت ساياھىتى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ساياھەت مەركىزى 3-كەسىپ يۇغۇرما تۈرىنى بەرپا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.

   «بەخت كەنتىدە ئۈجمە كۆپ، ھەر يىلى نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە كېلىپ تېتىپ باقىدۇ، ھازىر ۋوگەن، شياڭجياۋ، ماڭگو تېرىلغاندىن كېيىن، كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى». بەخت كەنتىدىكى دېھقان مەمەت ئابلىزنىڭ دېيىشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرى، پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدە ئۈجمە ئۈزۈش بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىر كۈندە 8000دىن ئارتۇق ئادەم كېلىپ سەيلە قىلغان، ئۇ ئۈجمە ئۈزۈش بايرىمىدا 600 نەچچە زىخ كاۋاپ، 130 نەچچە قاچا سېرىق ئاش سېتىپ، 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. «10-ئايدا يەنە ۋوگەن ئۈزۈش بايرىمى ئۆتكۈزۈلسە ياخشى بولاتتى، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايتتىم».

    ​يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەخت كەنتى ئەۋزەل بولغان سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى ۋە قولايلىق قاتناش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «خاس تېرىقچىلىق + سەيلە-ساياھەت، ئۈزۈش»تىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى تىپتىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكى تۈرىگە تايىنىپ، «كەنت كوللېكتىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت بىرلەشمە تىجارەت ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمىنى 500 مىڭ يۈەن ئاشۇردى. ئەسەت مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبنىڭ مېۋىلىرىنى تاماشا قىلىش، ئۈزۈش تۈرىنى بەخت كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساياھەت كەسپىدىكى نۇقتىلىق تۈر قىلىپ يۆلەپ، بەخت كەنتىدىكى جەنۇب مېۋىلىرىنىڭ سورتىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.