تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى! ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىش ئىلتىماسى 113 مىڭغا يەتتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 6- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3- ئايدىن باشلاپ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سىياسەتنىڭ نەتىجىلىرى تەدرىجىي نامايان بولغان. 

 ئاپتوموبىل جەھەتتە − 

 6- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈش سائەت 12گىچە، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىش ئىلتىماسىدىن 113 مىڭنى تاپشۇرۇۋالغان، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىش ئىلتىماسىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگىنى 36 مىڭدىن ئېشىپ، تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. 

 5- ئايدا، مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىلغان ئاپتوموبىل 2 مىليون 271 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 38.5 ئاشقان. نىمكەش ئاپتوموبىل سودىلىشىش مىقدارى 1 مىليون 585 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشقان. بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش مىقدارى 523 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.6 ئاشقان. 

 ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى جەھەتتە − 

 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئىستاتىستىكىلاش نورمىسى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەم ئۈن- سىن ئۈسكۈنىلىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنى پارچە سېتىش سوممىسى 342 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 5- ئايدا يەككە ئايلىق پارچە سېتىش سوممىسى 74 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشقان. 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.8 ئاشقان. 

 ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا جەھەتتە −

 5- ئايدا، ئىستاتىستىكىلاش نورمىسى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنى پارچە سېتىش سوممىسى %4.8 ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.