تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەشۋىقات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ جۈن فوتوسى

   جياڭشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى سەككىز ئۆلكە، شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1997-يىلىدىن باشلاپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان. جياڭشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، جياڭشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ھەم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تۈر جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. 2011-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە جەمئىي 3 مىليارد 717 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 611نى يولغا قويۇپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلاردىكى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. جياڭشى ئۆلكىسىدىن 11-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار «قىزىل كاككۇكگۈل» مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، «جياڭشى قىزىل دوختۇرى» داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، «جياڭشى ئۆلكىسىقىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بويىچە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ۋە «تۆتتە قوشماقلىشىش، تۆتنى ئىلگىرى سۈرۈش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ماركىسىنى ياراتتى.

   نۆۋەتتە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) شىنجاڭ گېزىتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بېتى، ئانار بۇلۇت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلى، تىيانشان تورىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلى ۋە ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لىنىيەسى قاتارلىق سۇپىلارنى تىرەك قىلغان قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى خەۋەر قىلىش تاراتقۇ سۇپىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) سىستېما تىرىكىگە تايىنىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەشۋىقات، خەۋەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

     كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.