6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. سۈرەتتە كۆرگەزمە سارىيىدىن بىر كۆرۈنۈش.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى) 6 -ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى قاتارىدا، بېيجىڭ شەھىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، سىچۇەن ئۆلكىسى ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە، شەھەرلەر قاتارىدا تەكلىپ قىلىندى. 23 دۆلەت، ئۈچ رايون، بىر خەلقئارا تەشكىلات دۆلەت (رايون) سارىيى ۋە ئوبراز سارىيى تەسىس قىلدى.
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بېلارۇسىيەلىك سودىگەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، تاماشىبىنلار قىرغىزىستان كۆرگەزمە ئورنىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.
6- ئاينىڭ 26 - كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. سۈرەتتە ئارتىسلار مالايسىيا دۆلەت سارىيىدا ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا.
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خەلق سەنئەتكارلىرى خوتەن ۋىلايەتلىك كۆرگەزمە سارىيىدا ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا.
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا كوپىراتىپى بىرلەشمسى كۆرگەزمە قىلغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى