تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نىڭ باش تېمىسى «سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش» بولۇپ، ئېسىل نومۇرلار كۆرىكى، ئېسىل گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ھەم ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، خاس ساياھەت ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكتىكى ئون تۈرلۈك باش تېما پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەۋقە مەدەنىيەت - سەنئەت يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىشقا قويۇلۇپ، يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ھاسىل قىلىنىپ، دۇنياغا «مىللەتلەر ئىناق - ئېجىل بولغان، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن» شىنجاڭ ئوبرازى نامايان قىلىنىپ ۋە تارقىتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلىدۇ.

ئېسىل نومۇرلار كۆرىكى جېجياڭ ناخشا - ئۇسسۇل تىياتىر ئورنىنىڭ مۇزىكىلىق تىياتىرى «نەنكۇڭ»، «سىز ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمەن − دەي يۈچياڭنىڭ كەلگۈسىدىكى <تىياتىر> چولپانلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇش مۇزىكا كېچىلىكى»، شىنجاڭنىڭ ئېسىل تىياتىر نومۇرى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»، مۇزىكا كېچىلىكى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئېسىل گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى «يىپەك يولى رەسىم تىلى − <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق سىزىش ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» «كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش − سالۋادور دالىنىڭ <مۇقەددەس كۈي> ناملىق ئېسىل ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى «ئەينەكتىكى ئۇزاق يىللار − جۇڭگو قەدىمكى دەۋر مىس ئەينەك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» «چاقناپ تۇرغان قۇتلۇق شەپەق نۇرى − گۇگۇڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئوردىدا ئىشلىتىلگەن ئېسىل ئېماللانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، «يىپەك يولى مىڭ يىللىق تەسىرات» «غەربىي يۇرتقا قايتىش» قاتارلىق خاس ساياھەت ئويۇنلىرىمۇ قالتىس نامايان قىلىنىدۇ.

«بۇ قېتىمقى <جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى> 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە داۋاملىشىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوپېرا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، گۈزەل سەنئەت، سەنئەت پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق ئېسىل مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىدۇ، مەدەنىيەت - سەنئەت ئارقىلىق 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە يارقىن تۈس قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن بىللە ئىلگىرىلەپ سەككىز نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ھازىر شىنجاڭنىڭ تاشقى جەھەتتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سۇپا ۋە جەلپكارلىققا، پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىگە ئىگە «ئالتۇن نام كارتىسى» بولۇپ قالدى، «بىز <جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى> ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىپ، دۇنيانىڭ رەڭدار مەدەنىيىتىنى كىرگۈزۈپ، ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەركەزداش چەمبەرنى بىرلىكتە سىزىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سىمفونىيەسىنى بىرلىكتە ئورۇنلاپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق ياخشى سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھۆسن قوشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.