تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن بىلەن كۆرۈشتى

لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇمانغارىننىڭ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىكىنى ھەم جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. قازاقىستان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇئاۋىن زۇڭلى جانابلىرىنىڭ ئۆمەك باشلاپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى مۇقەررەر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۆلىتىڭلار بىلەن يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىقىدا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان تەرەپتىكى ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى، ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، سودا كۆلىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. بىز بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ۋە 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى سىجىل مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، ھەمكارلىق سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، چۆچەك - ئاياگۇز تۆمۈريولى قاتارلىق پورتلارنىڭ قاتنىشىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ رايونلىرىنىڭ يېڭى ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىلى»غا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.

جۇمانغارىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىساد - سودا ھەمراھى، شىنجاڭ قازاقىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي رايون. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى بىزنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىمىزگە ياخشى ئاساس سالدى. ئۆتكەن بىر يىل قازاقىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزئارا قويۇق زىيارەتتە بولغان بىر يىل، چوڭقۇر ھەمكارلاشقان بىر يىل بولدى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ كۆرگەزمە، بولۇپمۇ 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاشلىق، گۆش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاپتوموبىل سودىسى ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، قازاقىستان - جۇڭگو 3 - تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۆمۈريولنىڭ تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە يۈك تىرانسپورت كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ساھەسى، ئەشيا ئوبوروتى سودىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ساياھەت، چېگرا ھالقىغان دەريا - ئېقىنلارنى قوغداش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ پائال مەبلەغ سېلىشىنى، يەرلىكنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى، ئوبلاست، شەھەرلىرى، كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.