تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تاجىكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا بىلەن كۆرۈشتى

لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تاجىكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي خولىكزودا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ تاجىكىستاننى ئىزچىل تۈردە سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ھەمراھ، دەپ قاراپ كەلدى. بۇلتۇر 11 - ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى تاجىكىستاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە يېڭى ھەمكارلىقنى باشلايدۇ. ھازىر، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ئېشىپ، دەرىجىسى ئۆسۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بولۇپمۇ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ ئېشىشى گەۋدىلىك بولدى. شىنجاڭ دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتۇق، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىمىز يېڭى، كەڭ پۇرسەتكە يۈزلەندى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاراسۇ پورتىنى ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزئارا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ سېلىنما ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە جۇڭگو - تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خولىكزودا مۇنداق بىلدۈردى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بىر - بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، تاجىكىستان تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۆزنەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاجىكىستان بىلەن قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل تېز تەرەققىي قىلدۇردى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا. ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك ئۇچۇر، ئېلېكتىرون، ئۇل ئەسلىھە، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تاجىكىستان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىللە تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە خىزمەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

تاجىكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.