تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى

توروبايېف، لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى توروبايېف كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئا. جاپاروفنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭلى جانابلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە شىنجاڭدا ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىدىن، بولۇپمۇ بۇ قېتىم ئۆزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىدىن دۆلىتىڭلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا يار - يۆلەك بولىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن بولۇش، كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىكى كۈنسېرى ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلانماقتا. ھازىر، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بەدەل پورتىنى ئېچىش، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشى تېز ئەمەلىيلەشتى، پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭ دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، دۆلىتىڭلار بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنداقلا زۇڭلى جانابلىرىنىڭ پائال ماسلاشتۇرۇپ، تۈرتكە بولۇپ، پورتتا قاتناش باشلاش ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە بالدۇرراق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىرغىزىستان 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت، ئىككى تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش سۇپىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئا. جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى سىجىل يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلىدى، قىرغىزىستان - جۇڭگو دوستلۇقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. قىرغىزىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر پائال راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ پائال تۈردە دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت تاشيولىنى تۇتاشتۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى پائال پىلانلاپ كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، يولۇچى توشۇش ئالاقىسى ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت، سودا كۆلىمىنى ئورتاق ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىشقا ۋە ئوبوروت سودىسىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ جەھەتتە ئەمەلىي ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئوبلاست، شەھەر، كارخانا ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.