تومۇز ياز پەسلىدە، ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن تىيانشان ئېتىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.
«يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت ياۋروپا-ئاسىيانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ياۋروپا-ئاسىيا كاتتا مەرىكىسىدە ھەمدەم بولۇش، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈش. جۇڭگونىڭ ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن قانات يايدۇرغان كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو بىلەن ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەپ، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.
بۇ، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى كۆرگەزمە سۇپىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
كۆرگەزمە ئارقىلىق ئاسىيا-ياۋروپادىكىلەرنى جەم قىلىش ماگنىت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش
50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن مېھمانلار كۆرگەزمىگە يىغىلىدۇ، 27 دۆلەت ۋە رايون ھەم خەلقئارا تەشكىلات دۆلەت(رايون) سارىيى ۋە ئوبراز سارىيى تەسىس قىلىپ، خاس مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى 100دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپارات كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، خاسلىقى گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان دۆلەت ئىچى، خەلقئارالىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن جەمئىي 50 نەچچە مەيدان ئۆتكۈزۈلىدۇ... تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقنىڭ «ئورتاق يىڭىش كۈيى»نى ياڭرىتىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمىن رايونى كارخانىلىرى سارىيى ۋە شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلار سارىيى تەسىس قىلىندى، يەنە ئۈچ ئاساسلىق مېھمان دۆلەت−قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبىكىستان، ھەمدە ئۈچ ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە، شەھەر−بېيجىڭ شەھىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋە سىچۇەن ئۆلكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
كۆرگەزمە مەزگىلىدە، «قوشنىلار دوستانە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» باش تېما قىلىنغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو−قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆز قەرەلىدە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى تەرەپ تاشقى سودا، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ ديەنشۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە مەۋقە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىقى، مۇھىتى ھەمدە كېيىنكى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچېۋىتىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىنىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا كەلگەن مالايسىيا سودىگەرلىرى كۆرگەزمە ئورنىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنى رىپىتىس قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
كۆرگەزمە ئارقىلىق ئاسىيا-ياۋروپاغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش جەلپ قىلىش كۈچىدە يەنە يېڭى سەھىپە يارىتىش
6-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىگە كىرگىنىمىزدە، 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆرگەزمە رايونىدا كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆردۇق. قازاقىستان دۆلەت سارىيى ياسىلىپ بولغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر كۆرگەزمە ئورنىنى بىزەش ۋە تاۋارلارنى تىزىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىرىنى قىلىۋاتاتتى.
ئىراندىن كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا كەلگەن سودىگەر ۋاھىد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىران كارخانىلىرىغا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، كۆرگەزمە ئىران كارخانىلىرىنى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئىران كارخانىلىرىنىڭ دىققەتنى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مەركەزلەشتۈرۈشىگە پايدىلىق.
كۆرگەزمە رايونىنىڭ يارقىن نۇقتىسى گەۋدىلىك، كۆرگەزمە تېمىسى مول. سانلىق مەلۇماتلارنى ئەمەلىي ۋاقىتتا يېڭىلاش، كۆرۈنمەس مەشغۇلات ئەھۋالىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئومۇميۈزلۈك ئېسىپ قوراشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان 5G شوپۇرسىز مۇنارسىمان كىران مەشغۇلاتى تەقلىدىي ئۈسكۈنىسىنى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىش... بىر تۈركۈم ئىلغار ئۈسكۈنە، تېخنىكا ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار نامايان قىلىنىپ، كۆرگەزمىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى تارقىتىدۇ.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لۇ يۆدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130دىن كۆپ بىڭتۇەن كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق يېڭى جابدۇقلار، كىرىمنىينى، ئاليومىننى، كاربوننى ئاساس قىلغان ماتېرىياللار قاتارلىق يېڭى ماتېرىياللار، سۇ تېجەپ سۇغىرىش يېڭى تېخنىكا ئۈسكۈنىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ.
«بۇ يىل كارخانىمىزنىڭ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى، تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، ئاسىيا-ياۋروپادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ئەۋزەل <شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى>دىن ھەمبەھرە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.» بىر يېڭى ماتېرىيال شىركىتىنىڭ بۆلۈم مەسئۇلى شىن ياۋيۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە تولۇق تەييارلىق قىلدى، كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى خىزمەتلىرىنى تېز تۇتۇپ ئىشلەۋاتىمىز.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچىلەر ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە شەندۇڭ كۆرگەزمە سۇپىسىدىن ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا كەلگەن سودىگەرلەر جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 3-ئىدارىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا 5G شوپۇرسىز مۇنارسىمان كىران مەشغۇلاتى تەقلىدىي ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەيدەش بۆلمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش
ھەم باغرىنى كەڭ ئېچىپ ئاسىيا-ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ھەم دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاسىيا-ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشۇش.
2011-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەتتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە ئاسىيا-ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆرگەزمە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تۇتاشتۇرىدىغان «كۆزنەك» بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش، كېلىشىم ئىمزالاش ئاساس قىلىنغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 200دىن ئارتۇق تۈردە مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ، مەخسۇس مەيدان كېڭىشىش-ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 137 مىليارد 900 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسىپورت %46.6 بولۇپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %91.5ىنى ئىگىلىگەن.
ئېچىۋېتىش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېچىۋېتىش كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا كەلگەن سودىگەرلەر كۆرگەزمە ئورنىدا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تىزماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى