تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كورلىدىكى 5700 مو شاپتۇل ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى

     يېقىندا، كورلا شەھىرىنىڭ لەڭگەر يېزىسى، يېڭىشەھەر يېزىسى، شىنىر بازىرىدىكى شاپتۇللۇقلاردا، تۇتاش كەتكەن شاپتۇل دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى شىرنىلىك شاپتۇل، ماڭگو توغاچ شاپتۇل بىلەن لىق تولدى، شاپتۇللۇق باغنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش سىمالار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ھازىر، كورلا شەھىرىدە ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ماڭگو توغاچ شاپتۇل، شىرنىلىك شاپتۇل، ياپىلاق توغاچ شاپتۇل قاتارلىق تۈرلۈك سورتتىكى شاپتۇللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5700 موغا، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى تەخمىنەن 800 كىلوگرامغا، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەنت ئاھالىسى شىرنىلىك شاپتۇل ئۈزمەكتە. (ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا

كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈۋالغان شاپتۇللارنى توكسىكىلىتقا يۆتكىمەكتە. 

كەنت ئاھالىلىرى شىرنىلىك شاپتۇللارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.