تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىرايلىق ياسىنىپ كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋېلىش

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئېسىلغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، كاتتا مەرىكە خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىندى. (6-ئاينىڭ 24-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭگۇاڭشەن يولىغا جايلاشقان باش تېمىلىق مەنزىرە گۈل تەكچىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە. 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلىش پەيتىدە، ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا ھەرخىل شەكىلدىكى گۇرۇپپا مەنزىرە گۈل تەكچىلىرى تىزىلدى.

خې لۇڭ فوتوسى

 

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو— ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. سۈرەتتە: شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (6-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).

خې لۇڭ فوتوسى

 

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچىلەر بىلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتى كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

 

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو خىمىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ، بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچىلەر مەركەز كارخانىلىرى سارىيىدا كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچىلەر سىچۇەن ئۆلكىسى كۆرگەزمە سارىيى ئالدىدىن ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

    يازنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاۋا ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، تىيانشان ئېتىكىدە 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى داغدۇغىلىق باشلاندى.

    ئۈرۈمچى چىرايلىق ياساندى، ئاساسلىق كوچا-يوللارغا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر تىزىلىپ، پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئېسىلىپ، چىرايلىق بېزىلىپ كاتتا مەرىكە كۈتۈۋېلىندى.

   «تۇلپار شىنشىن» سۈرىتى، «جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى» قاتارلىق خەتلەر چۈشۈرۈلگەن مەنزىرە گۈل بېزىكى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى، شىداچياۋ قاتارلىق ئورۇنلارغا گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلۇپ، ئۈرۈمچى گۈل دېڭىزىغا ئايلاندى.

    قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندا، ئاساسلىق يول، مەيدان، باغچە، سودا كوچا رايونلىرىدىكى مەنزىرە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى يورۇپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، ئۈرۈمچى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە رەڭدارلىققا تولدى.

  «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت  ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى»، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە 50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 1900دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپاراتنى كۆرگەزمىگە قاتناشىشقا جەلپ قىلدى. ئەزىز مېھمانلار تەرەپ-تەرەپتىن كەلدى، دوستلار تەڭلا يېتىپ كەلدى، ئۇلار ئۈرۈمچىدە بۇ شەھەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى.

    بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ كۆزگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا، خاس كەسىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى، يەنە تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىندى.

    مەركەز كارخانىلىرى سارىيىدا، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى كۆپ مىقداردىكى ئەمەلىي بۇيۇم قۇم تاختىسى ۋە مودېل ئارقىلىق، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ تىك قۇدۇق قېزىش ماشىنىسى «مېڭشياڭ ناملىق»، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 16 مېتىر دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دىيامېتىرلىق تونىل قېزىش ماشىنىسى «جىڭخۇا ناملىق» قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ، دۆلەتنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    كۆڭلى-كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.