تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر | كۆرگەزمىدە تۆت ئاساسلىق مېھمان دۆلەت، ئۈچ ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ جۇڭگو  ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە: ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشلاندى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ۋېنگرىيە ئاساسلىق مېھمان دۆلەت، بېيجىڭ، شەندۇڭ، سىچۇەن ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە بولدى.

قىرغىزىستان دۆلەت سارىيى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

   بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا، خاس كەسىپ ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلقئارا كۆرگەزمە رايونى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى توپلانغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ھەمكارلىق تۈرلىرى، ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس ئادىمىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. قازاقىستان دۆلەت سارىيىدا خاس يېمەكلىك، ئۈنچە-مەرۋايىت زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، ئۆزبېكىستان دۆلەت سارىيىدا يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، قىرغىزىستان دۆلەت سارىيىدا ھەسەل، مېۋە مۇرابباسى ۋە ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلار نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

   ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭ، شەندۇڭ، سىچۇەن ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بېيجىڭ كۆرگەزمە رايونىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، شەندۇڭ كۆرگەزمە رايونىدا ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، سىچۇەن كۆرگەزمە رايونىدا پاكىز ئېنېرگىيە ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. بۇ كۆرگەزمە رايونلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ كەسىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بېيجىڭ كۆرگەزمە رايونى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.