ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024- يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مالىيەسى جەمئىي 200 مىليون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى ئاجراتتى.
6- ئاينىڭ 23- كۈنى، «شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى ۋە نەپىس، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بايرىمى» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى
پائالىيەت ۋاقتى 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە. بۇنىڭ ئىچىدە، مەھسۇلات سېتىۋېلىش ۋاقتى 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە؛ ئىستېمال بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋاقتى 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە؛ ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلىتىش ۋاقتى 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە بولىدۇ.
تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى تەۋەلىكتىكى پائالىيەتكە قاتناشقان سېتىش كارخانىلىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن يەككە باھاسى 1000 يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلار بولىدۇ. تولۇقلىما بېرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىرىسى جۇڭگو ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى بەلگە تورىدا ئەنگە ئېلىنغان ھەمدە 1-، 2- دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ئۆلچىمىگە يەتكەن، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئۆلچىمىدىكى 13 خانىلىق تاۋار كودىغا ئىگە تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرون تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ۋە «يېڭىسىنى سېتىۋېلىش»قا ئوخشاشلا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش بەلگىلەندى.
«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»قا قاتنىشىپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا قارىتا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تالوندىكى باھاسىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا 300 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.
يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا قاتناشقان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا قارىتا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تالوندىكى باھاسىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.
«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»قا قاتنىشىپ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا قارىتا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنىڭ تالوندىكى باھاسىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتقا 400 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.
يېڭى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا قاتناشقان ئىستېمالچىلارغا قارىتا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنىڭ تالوندىكى باھاسىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتقا 200 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.
ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مالىيەسى %50تىن ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە: ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ تولۇقلىما ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشمايدۇ، 50 مىليون يۈەن يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، 50 مىليون يۈەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»قا قاتناشقان ئىستېمالچىلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، چەكلىك سوممىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئاۋۋال سېتىۋالغانلارغا ئاۋۋال تولۇقلىما بېرىلىدۇ، تولۇقلىما بېرىپ بولغانغا قەدەر بولىدۇ.