تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىدۇ

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ)  مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلغان 2024-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «گۈزەل شىنجاڭ رەڭدار مودا» باش تېما قىلىنغان 2024-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار كىيىم-كېچەك سودا مەركىزىنىڭ ئىجادىي ماركىلارنى يېتىشتۈرۈش ئەمەلىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇ چاغدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن داڭلىق لايىھەلىگۈچىلەر، داڭلىق ماركىلار ۋە مودېللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەيدان مودا كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىسى بېغىشلايدىكەن.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2024-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ فوتوسى

    ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گاۋ خۇابىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭدىكى كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر گۇاڭدۇڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى داڭلىق لايىھەلىگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە مودا ئېقىم يۈزلىنىشىنى ئېلان قىلىدۇ. ئېچىلىش، يېپىلىش مۇراسىمىدىن باشقا يەنە مودا كىيىم ئېلان كۆرىكى، كەسپىي پائالىيەت مۇسابىقىسى ۋە كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى مەدەنىيىتى تىنچ ھالەتتىكى كۆرگەزمىسى، كىيىم لايىھىلىگۈچىلەر ماركىسى ۋە كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرىكەتچان ئېلان قىلىش، داڭلىق ماركىلارنى كېڭەيتىش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى چۆرىدىلىپ، كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىسى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭ كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

    ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى يەتتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى ئەڭ كاتتا پائالىيەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدا مودا ئېقىم يۈزلىنىشىنى ئېلان قىلىشتىكى مۇھىم پائالىيەت بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.