تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ! شىنجاڭدا ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلدى

      ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

 ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش ۋاقتى 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 0دىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24كىچە، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 0دىن 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24كىچە بولىدۇ.

 ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى: 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، شەخسىي ئىستېمالچىلار دۆلەت ئۈچىنچى باسقۇچ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (2011- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى <6- ئاينىڭ 30- كۈنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق>دىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرغان بېنزىنلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرغان دىزېللىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە باشقا يېقىلغۇ تىپىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ) ياكى 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلدۇرغان، ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرىدىن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپى مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ياكى گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان يېقىلغۇ مايلىق يېڭى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋالسا، بىر قېتىملىق بەلگىلەنگەن سوممىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

 ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى مۇنداق: دۆلەت ئۈچىنچى باسقۇچ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ياكى 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك كونا يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلدۇرغان، ھەمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 10 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. دۆلەت ئۈچىنچى باسقۇچ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلدۇرغان، ھەمدە گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 7000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

 ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسىي ئىستېمالچىلار 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن مەملىكەتلىك ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى تور بېكىتى (http://qclt.mofcom.gov.cn) ياكى «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق، ئېنىق، مۇكەممەل بولغان ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى توغرا تولدۇرۇپ تاپشۇرۇپ، ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغان جاي (يەنى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بىر تۇتاش تالونى» كېسىلگەن جاي)غا ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ. ئەگەر سۈرۈك ئىچىدە ئىلتىماس قىلمىسا، ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق، ئېنىق بولمىسا، بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.

 ئىلتىماس ماتېرىيالىغا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بانكا ھېسابات ئۇچۇرى، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىل ئۇچۇرى، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتوموبىل پەرقلەندۈرۈش ۋاكالەت نومۇرى لازىم بولىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بىر تۇتاش تالونى» ۋە «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ سۈرىتى ياكى سايىلەنگەن ھۆججىتى قاتارلىقلار يوللىنىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك مالىيە 7: 3 نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىكەن. يەرلىك ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مالىيە ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مالىيەسى %50تىن ئۈستىگە ئالىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ دۆلەت ئۈچىنچى باسقۇچ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى مىقدارى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئالدىن ياردەم پۇل مەبلىغى ئاجرىتىپ، يەرلىكنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلىشىنى قوللاشقا ئىشلىتىدىكەن. سىياسەت يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، مەركەز ۋە يەرلىك يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يەككە ئاپتوموبىلغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان  كونىسىنى بىراك قىلىپ، يېڭىلانغان ئاپتوموبىللارغا بەلگىلەنگەن ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدىكەن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مالىيە تارماقلىرى ئىستېمالچىلار بىلەن ئەمەلىي ھېسابات قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.