تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى丨سانىخان ھېيتەم: يالغۇز قالغان ياشانغانلارنى ئىللىق ماكانغا ئىگە قىلىمەن

    سانىخان ھېيتەم:

    «كەچكى شەپەق»نى بەختكە تولدۇرىمەن

    شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرىدە، سانىخان ھېيتەم دېگەن ھەممىگە تونۇشلۇق بىر ئىسىم بار، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا كۆيۈنگەنلىكى، ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى كىشىلەر زوق بىلەن بايان قىلىپ كەلدى. يېقىندا، ئاپتور فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچا باشقارمىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى سانىخان ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش مەركىزىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ياشانغانلار بىلەن بىللە ئۆتۈۋاتقان تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

    سانىخان ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش مەركىزى مەھەللىنىڭ مەخسۇس ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ئۇلارغا تۇرمۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان جايى، بۇ يەرنىڭ مەسئۇلى سانىخان بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ئۇ يىراق-يېقىنغا تونۇلغان چوڭلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋاپادار بولۇش نەمۇنىچىسى ئىدى.

    20 يىل ئىلگىرى، سانىخاننىڭ قېيىنئانىسى ئېغىر بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان، سانىخان ھەر كۈنى ئۇنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ، پۇتىنى تۇتۇپ، مۈرىسىنى ئۇۋۇلاپ، دۈمبىسىنى مۇشتلاپ، بەدىنىنى سۈرتۈپ، تاماق يېگۈزۈپ، قىلچە ۋايسىماي مومايغا كېسەل كارىۋىتىدا ئالتە يىل قارىغان. قېيىنئانىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە دائىم دەيدىغان بىر ئېغىز سۆزى: «شۇنچە يىل بولدى، يەنىلا سانىخان ماڭا ئەڭ ياخشى قارىدى!»

    قېيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالغاندىن باشقا، سانىخان ئەتراپىدىكى بىرنەچچە يالغۇز قالغان ياشانغانلارغا ناھايىتى كۆيۈنگەن، دائىم ئۇلارغا مەززىلىك تاماق ئاپىرىپ بەرگەن، ئۇلارغا ياردەملىشىپ تازىلىق قىلغان، كىرلىرىنى يۇيۇپ بەرگەن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ياشانغانلارمۇ دائىم سانىخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ قېيىنئانىسىنى يوقلاپ، بىللە ھال-مۇڭ بولۇپ تۇرغان. سانىخاننىڭ ئۆيىگە بارغانسېرى ياشانغانلار كۆپرەك يىغىلىدىغان بولۇپ قالغان، سانىخان ھەمىشە ياشانغانلارنى ئىسسىق ئەتكەنچاي، تاتلىق مېۋە-چېۋە ۋە مەززىلىك تائاملار بىلەن كۈتكەن، ئۇنىڭ ھويلىسىدىن دائىم خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغان.

    2010-يىلى، فۇشىن كوچا باشقارمىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى سانىخاننىڭ ئۆيىدە ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھويلىسى خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان 36 نەپەر يالغۇز قالغان ياشانغانلارنىڭ ئىللىق ماكانىغا ئايلانغان. ھەر قېتىملىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا، ئۇنىڭ ھويلىسىدا كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، ھەر مىللەت ياشانغانلار سانىخان بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگۈپ، جۇۋاۋا تۈگۈپ، پولۇ ئېتىپ، ساڭزا سالغان ... ياشانغانلارنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بۇ يەردىن تارقالغان، «كىچىك قورۇدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» توغرىسىدىكى قىزغىن پاراڭلارمۇ بۇ يەردىن چىققان. 2017-يىلى، فۇكاڭ شەھىرى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان سانىخان ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 780 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ مەركەز تەۋەلىكتىكى 60تىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنى «كۈندۈزى مەركەزگە كىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پائالىيەتكە قاتنىشىشنى قوبۇل قىلىش، كەچتە ئۆيىگە قايتىپ ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇش»تەك ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ كۈتۈش مەركىزىگە سانىخان داۋاملىق مەسئۇل بولغان.

    بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن جاۋ پېيخۇا سانىخان ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مەركىزىدە بەش يىلنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ئۆز ئۆيىمىزدەك، بىز خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك بىر-بىرىمىزگە ھەمراھ بولىمىز، بىللە مۇڭدىشىمىز، ناھايىتى ئىللىق، خۇشال ئۆتىمىز.» 88 ياشلىق موماي جاڭ شۇيىڭ بىلەن سانىخان تونۇشقىلى 20 نەچچە يىل بولغان، ئۇلار خۇددى ئانا-بالىدەك يېقىن. سانىخان مۇنداق دېدى: «جاڭ ئانام بىلەن بىر كۈن كۆرۈشمىسەك تۇرالمايمىز، ناۋادا بىرەر كۈنى كۆرۈشەلمىسەك، چوقۇم تېلېفون بېرىپ ئۆزئارا ئەھۋاللىشىمىز.» قوشنىدارچىلىقتىن قېرىنداشلىققىچە، ئۇلار چىن ھېسسىياتى بىلەن بىر-بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، شەخسىيەتسىز چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى نامايان قىلدى.

    سانىخان يەنە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە دائىم ياردەم بېرىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، مېيىپلەردىن ھال سوراش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ... ئۇ چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلدى.

    فۇكاڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترەتلىرىمۇ سانىخان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان ئاجىزلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، قوشنىلارغا ھەمدەم بولۇش، تازىلىقنى تۈزەش، يالغۇز قالغان ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش پىدائىيلار پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، زور بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپلار ۋە ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار مەھەللىدە بارلىققا كەلدى ...

    سانىخان ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش مەركىزى مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىنىڭ تېمىغا نۇرغۇن شەرەپ گۇۋاھنامىسى، ئوردېن لېنتا ئېسىلغانىدى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، سانىخان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش چولپىنى، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتى، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلە ئۈلگىسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. «مەن پەقەت چامىم يېتىدىغان ئىشلارنى قىلدىم، لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا شۇنچە كۆپ شان-شەرەپلەرنى بەردى، مەن چوقۇم مەھەللىدىكى يالغۇز قالغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن داۋاملىق ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى تېخىمۇ بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.» دېدى سانىخان.

    كىچىك ھويلىغا، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئاددىي-ساددا ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن، نۇرغۇن كىشىنىڭ كۈلكە سادالىرى يۈكلەنگەن. سانىخان ئۈنسىز تىل، ئاددىي ياخشى ئىش، مىللەت ھالقىغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشانغانلارغا ئىللىق ماكان قۇرۇپ بەردى. ھەر مىللەت ياشانغانلار ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا بىللە ياشايدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.