تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز كارخانىلىرى سارىيى قاتارلىق تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم نامايان بولىدۇ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى) 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 26 -كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» بولۇپ، تور سىرتىدىكى ئەمەلىي كۆرگەزمە ئاساس قىلىنىدۇ، توردىكى كۆرگەزمە ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرگەزمىدە مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ- ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلار سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىندى.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچىلەر مەركەز كارخانىلىرى سارىيىدا كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، شۈجوۋ جۇڭمېي بەيجيا ئېغىر پولات پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيىدا كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچىلەر گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونىدىكى كارخانىلار سارىيىدا كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچىلەر شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدا كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو خىمىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا، بۇ شىركەت كۆرگەزمىگە تۇنجى قېتىم قاتناشتى.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ سىرتقى كۆرگەزمە رايونىدا كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.