تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىقلار دىققەت، 200 مىليون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى! چوڭ ئىستېمال بېلىتى دولقۇنى كەلدى!

     ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024-يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مالىيەسى جەمئىي 200 مىليون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى ئاجراتتى.

  6-ئاينىڭ 23-كۈنى «شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى ھەم نەپىس، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بويىچە يېڭىلاش بايرىمى» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

   پائالىيەت ۋاقتى 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەھسۇلات سېتىۋېلىش ۋاقتى 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە؛ ئىستېمال بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋاقتى 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە؛ ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلىتىش ۋاقتى 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولىدۇ.

    ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى شۇ تەۋەلىكتە پائالىيەتكە قاتناشقان سېتىش كارخانىلىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن يەككە باھاسى 1000 يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلار بولىدۇ. تولۇقلىما بېرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىرىسى جۇڭگو ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى بەلگىسى تورىدا ئەنگە ئېلىنغان ھەم 1-، 2-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىگە يەتكەن، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئۆلچىمىدىكى 13 خانىلىق تاۋار كودىغا ئىگە تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرون تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ۋە «يېڭىسىنى سېتىۋېلىش»نىڭ ھەممىسىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش بەلگىلەندى.

    «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»قا قاتنىشىپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تالون باھاسىغا ئاساسەن، ھەربىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا 300 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ياردەم تولۇقلىمىسى ئىستېمال بېلىتى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.

    يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا قاتناشقان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تالون باھاسىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ياردەم تولۇقلىمىسى ئىستېمال بېلىتى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.

    «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»قا قاتنىشىپ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنىڭ تالون باھاسىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتقا 400 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ياردەم تولۇقلىمىسى ئىستېمال بېلىتى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.

    يېڭى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا قاتناشقان ئىستېمالچىلارغا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنىڭ تالون باھاسىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتقا 200 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە دەرىجىگە ئايرىپ ياردەم تولۇقلىمىسى ئىستېمال بېلىتى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمال بېلىتىنىڭ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ.

    ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مالىيەسى %50تىن ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ تولۇقلىما ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، 50 مىليون يۈەن يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، 50 مىليون يۈەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بويىچە «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدىغان» ئىستېمالچىلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، نورمىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئاۋۋال سېتىۋالغانلارغا ئاۋۋال تولۇقلىما بېرىلىدۇ، تولۇقلىما بېرىپ تۈگىگەندە توختايدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.