تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى

   تىيانشان-تورى شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

   «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاممىنىڭ كۆرگەزمىنى كۆرۈش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كىرىش بېلىتى ئېلېكتىرونلۇق كىرىش بېلىتى ۋە قەغەزلىك كىرىش بېلىتى دەپ ئايرىلىدۇ. كۆرگەزمىگە كىرىش بېلىتىدە بىر ئادەم، بىر بېلەت، بىر كىنىشكا بىلەن مەيدانغا كىرىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، قولىدا بېلىتى بارلار مەيدان-سارايغا كىرگەندە يەنە كۈچكە ئىگە كىملىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

   ئېلېكتىرونلۇق ئىشىك بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى، ئامما جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىۋالسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بانكىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، شىنجاڭ بانكىسى كۆزنەك تور بېكىتى، شىنجاڭ بانكىسى يان تېلېفون بانكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ يول ئارقىلىق مۇناسىپ بېلەت سېتىۋېلىش مەخسۇس رايونىغا كىرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ بانكىسى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بىردىنبىر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەغەزلىك كىرىش بېلىتىنى سېتىۋېلىش يولىنى ئاچتى، ئامما شىنجاڭ بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى 23 تىجارەت تور نۇقتىسى ۋە سانجى شەھىرىدىكى ئۈچ تىجارەت تور نۇقتىسىغا بېرىپ، قەغەزلىك كىرىش بېلىتى سېتىۋالسا بولىدۇ. (مۇخبىر دەن لى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.